تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش | قۇبۇقسار: كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كەنت ــــــ قوشتولغاي بازىرى خېسۇتۇ كەنتىدە تېرىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە بوشلۇقتىن نەزەر.  

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوشتولغاي بازىرى، چاغانكۆل يېزىسى ۋە شازغەت يېزىسىغا كېلىپ، خۇرۇم بۇيۇملار ئىشخانىسى، يۈلۇ نەشپۈتى سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كەنتنى زىيارەت قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ، شۇ جاينىڭ يېزا-كەنت كەسىپلىرى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى خاتىرىلىدى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاغانكۆل يېزىسى جاڭگىن كۆك كەنتىدىكى خۇرۇم بۇيۇملار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جېرىنتا پۇرېنجاپ خۇرۇم بۇيۇملارنى ياسىماقتا.  

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى مەدىتىگە تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل خاس كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا قەدەم ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى شازغەت يېزىسىدىكى يۈلۇ نەشپۈتى پارنىكىدا شاخلارنى چاتىماقتا.

   قول ھۈنەر-سەنئەت، ئەسلىھەلىك مېۋە-كۆكتات، خاس تېرىقچىلىققا تەڭ كۈچەش ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيە كۆپ نۇقتىدىن تىرەك بولغان يېزا-كەنت كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچى چاغانكۆل يېزىسى گۈرى خۇرۇم بۇيۇملار ئىشخانىسىنىڭ خۇرۇم بۇيۇملىرىدىن ئىگەر تاللاپ سېتىۋالماقتا.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاغانكۆل يېزىسى جاڭگىن كۆك كەنتىدىكى خۇرۇم بۇيۇملار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جېرىنتا پۇرېنجاپ خۇرۇم بۇيۇملارنى ياسىماقتا.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاغانكۆل يېزىسى جاڭگىن كۆك كەنتىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.