چىراغ نۇرى چارۋىچىلىق مەيدانىنى يورۇتۇپ، ياز كېچىسىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ كېچىسى باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى پائالىيىتى ئاۋىيتان بازىرىدىكى مېڭكې چارۋىچىلىق مەيدانىدا باشلاندى. چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى پۈتۈن چارۋىچىلىق مەيدانىنى خىيالىي دۇنياندىكىدەك ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، نەپىسلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى كىشىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ، ئۇلارنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈردى. پائالىيەت ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، ئېسىل نومۇرلار ۋە چۆكۈش شەكلىدىكى سەيلە-ساياھەت تەسىراتىنى ئۆزئارا يۇغۇرغان، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، نۇر سايىسىنى تاماشا قىلىش، كېچىلىك سەيلە-ساياھەتتىن بەھىرلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ياز پەسىللىك يېڭىچە كېچىلىك ئىستېمال مەنزىرىسى سۇندى.
قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن، مېڭكې چارۋىچىلىق مەيدانىدا كەيپىيات تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. مەيدانغا لاپاسلىق ئۈستى ئوچۇق ئارام ئېلىش رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياز كېچىسى سالقىندايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايىغا ئايلاندى. كەچ شامىلى ئۇرۇلۇپ، كىشىلەرگە سالقىنلىق ۋە راھەتلىك بېغىشلىدى، كىشىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۆزگىچە كاۋاپلارغا ئېغىز تېگىپ، ئازادە، ئارامبەخش ياز كۈنلىرىدىن چۆكۈش شەكلىدە بەھىرلەندى. نەق مەيداندىكى قىزىقارلىق ھېس قىلىش تۈرلىرى مول ھەم كۆپ خىل بولۇپ، شارنى قارىغا ئېلىش ئويۇنى، دىنازاۋۇر بىلەن مۈشۈكئېيىق كارتون ئوبرازى سەييارە ئويۇنى نۆۋەت بىلەن باشلىنىپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە ساياھەتكە چىققان ئائىلىلەرگە ھەم ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەرگە چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلىدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە رايونى پائالىيىتىدە جۇڭگو مودا ئېقىمى بولغان پانۇس يولى، يالتىراق قوڭغۇز نۇر سايىسى كۆرگەزمە رايونى، مول ھوسۇل باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق ئون نەچچە ئۆزگىچە داكا قىلىش نۇقتىسى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىندى. رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى گىرەلىشىپ، كېپىنەك، بۇغداي باشاقلىرى، نۇر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان دېڭىز دولقۇنى قاتارلىق گۈزەل شەكىللەرنى نامايان قىلدى؛ ناھايىتى چوڭ نېجا، ھال رەڭ ئېيىق، ئوماق توشقان قاتارلىق ۋاڭخۇڭ نۇر شارلار مەيدان ئىچىدە ئېگىز قەد كۆتۈردى، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىش، داكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى، ئىختىيارىي سۈرەتكە تارتسىلا كەيپىيات تۇيغۇسى كۈچلۈك سۈرەتلەر كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا بارلىققا كەلدى.

چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى.
ۋاڭ چىڭيۈ فوتوسى

چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى.
ۋاڭ چىڭيۈ فوتوسى

جۇڭگو مودا ئېقىمى بولغان پانۇس يولى ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.

ئېسىل نومۇرلار شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






