بەيشاخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. كۈمۈش رەڭ قۇم تاغ كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، كۆك رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، خۇددى سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، بۇ كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بەيشاخۇ كۆلى، شۇنداقلا بەيشاخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى مەنزىرىنىڭ نادىر كۆرۈنۈشىدۇر.
لېكىن ھەقىقىي گۈزەللىك شىمالىي قىرغاققا يوشۇرۇنغان. بەيشاخۇ كۆلىنى بويلاپ ئاپتوموبىل بىلەن شىمالغا قاراپ ماڭغاندا، كۆل سۈيى تەدرىجىي تېيىزلاپ، سۇ ئوتلىرى كۈمۈش رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ ئارىلاشقان دولقۇن ھاسىل قىلىپ، خۇددى بەيشاخۇ كۆلىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كىرىپ قالغاندەك تەسىرات بېرىدۇ.
بۇ جەلپكار مەنزىل زادى قانداق جاي؟ يۈرۈڭ، بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى!
شىمالىي قىرغاقتىكى سۇلۇق يەر
بەيشاخۇ كۆلىنىڭ يەنە بىر گۈزەل سىياقى

بەيشاخۇ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقى بىلەن جەنۇبىي قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
جەنۇبىي قىرغىقى ئاتكېرتكىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىر قارىسىلا قۇم تاغ بىلەن كۆل سۈيى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىرغاقنىڭ مەنزىرىسى خۇددى ئسترېئولۇق سىزىلغان ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، تېيىز كۆل سۈيىنىڭ يېنىدا كەڭ كەتكەن سۇلۇق يەر بار، سۇ ۋە ئوت-چۆپ مول بولۇپ، قوتاز ۋە ئاتلار ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئەركىن ئوتلاپ يۈرۈيدۇ.

يىراقتىكى بەيشاشەن تېغى ئېگىز قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، لېكىن كىشىگە ئۆزگىچە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ.
سۇلۇق يەر ئارىسىدا ئۇزۇنسىغا كېسىپ ئۆتكەن سۇ يولى بار بولۇپ، ئاسمان، قۇياش نۇرى ۋە بۇلۇتلارنىڭ سايىسى سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، قۇشلار بەزىدە سۇ يۈزىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرسە، بەزىدە سۇلۇق يەردە قونۇپ، ئەركىن سەيلە قىلىدۇ.

قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ
كامېرانى تېز ئېچىڭ
شىمالىي قىرغاقتىكى سۇلۇق يەرنى تاماشا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ـــ قەدەمنى ئاستىلىش.
سۇلۇق يەرنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ ئاستا ماڭسىڭىز، خەرىتىدە بەلگە قويۇلمىغان كىچىك قولتۇق ۋە گۈلزارلىقنى بايقايسىز.
سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارغا سەھەر ياكى كەچقۇرۇن بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، تاڭ سۈزۈلگەندە سۇلۇق يەرنى سۇس تۇمان ئورايدۇ، گۇگۇم چۈشكەندە بەيشاشەن تېغى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، بەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ھاۋا ياخشى بولسا، مۇزتاغ چوققىسى بىلەن بەيشاخۇ كۆلى ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ سۈرەتكە تارتىشقا بەك ماس كېلىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
1. يول باشلاش سىستېمىسىغا «مۇجى يېزىسى» دەپ كىرگۈزۈپ مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ماڭغاندا بەيشاخۇ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ
2. سەيلە-ساياھەت قىلغاندا ئاپتوموبىلنى قاتناش قائىدىسى بويىچە توختىتىڭ
3. سۇلۇق يەر ئەتراپىدا پاشا بىر قەدەر كۆپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەڭ
4. سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار
ئەگەر سىز بەيشاخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز، يەنە شىمالغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، بۇ جىمجىت سۇلۇق يەرنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئوخشاش بىر كۆل ئىككى خىل تۇيغۇ بېغىشلايدۇ، بىر تەرىپىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، يەنە بىر تەرىپىنىڭ مەنزىرىسى كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۈزەللىكى ھەمىشە كۆپرەك بارغان جايدا نامايان بولىدۇ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






