تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

راھەت ئىزدىسىڭىز كوناشەھەرگە كېلىڭ!

   7-ئايدىكى كوناشەھەر، بەك راھەت!

   كوناشەھەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسىڭىز، بۇ ماقالىگە نەزەر سېلىڭ. كوناشەھەرنىڭ قەشقەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئورمانلىق، ئۆستەڭ، كۆل، يەنە «گۆھەر» كەنت بار.

   ئۇنىڭ «كەمتەر» ئىكەنلىكىگە قارىماڭ، بۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرە ۋە سەھرا مەنزىرىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرگە سەپەر جەريانىدا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. يۈرۈڭ، دەرھال يولغا چىقايلى!

بىر چالغۇ، بىر كەنت

جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى

   بىر كەنت بىر تىرىك «چالغۇ مۇزېيى». كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىدىكى بۇ كەنتتە چالغۇ ياساش تارىخى 150 يىلدىن ئاشىدۇ. 27 چوڭ تۈردىكى 50 نەچچە خىل چالغۇنىڭ ھەر بىرى قولدا سىلىقلانغان بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى ساپ، گۈل نۇسخىلىرى نەپىس.

   كەنتنى ئايلانسىڭىز، ھەر بىر ئائىلىدىن ياغاچنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ھاۋادا ئۈجمە ياغىچى بىلەن ياڭاق ياغىچىنىڭ سۇس خۇش پۇرىقى لەيلەپ يۈرىدۇ. بىر كىچىك چالغۇنى تاللاپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىش ياكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن نەقىشلەرنى ئويۇشىنى تاماشا قىلىشمۇ ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىر ئىش.

   يول باشلاش ئادرىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى

   كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

بۇلاق سۈيى بۇلدۇقلاپ ئاقىدۇ، ئوتلاق ئىنتايىن گۈزەل

تاشمىلىق يېزىسىدىكى چىڭساۋتەن

  بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، سۈپسۈزۈك ئېرىق سۈيى يىلانباغرى ئېقىپ تۇرىدۇ، تەبىئىي ئوتلاق شۇ جايدىكى كىشىلەر خالىغانچە سالقىندايدىغان بىر ئارقا ھويلا.

  كۆپكۆك ئاسماننى سايىۋەن قىلىپ، ئوتلاقنىڭ مەيىن شامىلىغا ھەمراھ بولۇپ كاۋاپ قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارغا ئېغىز تەگكىلى، يەنە كۈن چىقىش، كۈن پېتىشنى كۆرگىلى، تىنچ ۋە خاتىرجەملىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

   يول باشلاش ئادرىسى: تاشقورغان مەھەللىسى

   كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، كۆپكۆك ئاسمان كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

تيەنمېنشەن 

   مۇش يېزىسىنىڭ مىڭيول كەنتىدىن غەربىي شىمالغا قاراپ ماڭغاندا، تاغ گەۋدىسى مۇزنىڭ يالىشى، شامالنىڭ يالىشى، سۇنىڭ يالىشى نەتىجىسىدە ھەرخىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان، تىك قىيا تاشقا بىر تەبىئىي تاش ئەگمە ئىشىك ئېسىلغان بولۇپ، بۇ دەل تيەنمېنشەن. «ئىشىك» تۈۋىدە تۇرۇپ بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق، ئاسمان تەرتىپسىز شەكىللەردىكى رامكىلارغا ئېلىنغان بولۇپ، نۇر يانتۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى قىياغا يامىشىش ۋە ئېكسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ.

   يول باشلاش ئادرىسى: مۇش تيەنمېنشەن ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى

   كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

مەيىن شامالدا ئوت-چۆپلەر يەلپۈنىدۇ، ۋاقىت گويا ئاستىلايدۇ

ئايدىڭكۆل ئوتلىقى

   ئايدىڭكۆل يايلىقى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى. يايلاقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى مۇۋاپىق، ياز پەسلى سالقىن، ئوت-چۆپلىرى بۈك-باراقسان، ياۋا گۈللەر تۇتاش كەتكەن.

   بۇ يايلاق بەك ئېچىلىپ كەتمىگەن بولۇپ، ئەدىيال سېلىپ ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدۇ، جىمجىت ئولتۇرۇپ بۇلۇتلارنىڭ تاغدىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە دالىدا قونۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ، يايلاقتا دالىدا قونۇش، ئات مىنىش، تۆگە مىنىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

   يول باشلاش ئادرىسى: ئايدىڭكۆل يايلىقى

   كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

بىر كەنتنىڭ ئون يىللىق كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشى

ئاياغمەنگەن كەنتى

  ئوتلاق، قارلىق تاغنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىچىك كەنتنى كۆرۈپ باقايلى. ئون يىلدا بۇ يەردىكى كېسەك ئۆيلەر يېڭى تۇرالغۇلارغا، پاتقاق يوللار ئاسفالت يوللارغا، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق 10 مىڭ مولۇق گۈللۈككە تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن كەنت قايتىدىن «سىزىلدى».

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر دۆلەت دەرىجىلىك يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كەنتكە ئايلاندى، قىزىل تەربىيە بازىسى، سەيلە-ساياھەت، مېۋە ئۈزۈش باغچىسى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار ئارامگاھى، تېرىقچىلىقنى ھېس قىلىش رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق. كەنتنى سەيلە قىلغاندا، ئاق تام، قىزىل كاھىش، گۈل-گىياھ، بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەل-دەرەخلەرنى كۆرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ھېس قىلغىلى، ھەم باغ ۋە ئېتىز قىرلىرىدا ئەڭ ئاددىي سەھرا خۇشاللىقىنى تاپقىلى بولىدۇ.

   يول باشلاش ئادرىسى: ئاياغمەنگەن كەنتى

   كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

  ھە راست، يۇقىرىقىلاردىن باشقا، قەشقەر كوناشەھەردە يەنە ئوپال باغچىسىدىكى 280 نەچچە يىللىق قەدىمىي تېرەك، قىرىق بۇلاق بويىدىكى 100 يىللىق سۆگەتلىك، غەلىتە دۆڭلۈكتە ئاپتوموبىلنى خالاس خوتقا سېلىپ ئاپتوماتىك داۋانغا چىققىلى بولىدىغان سىرلىق يول بۆلىكى، تارىخى ئۇزۇن مىڭيول قەدىمىي جەڭ مەيدانى خارابىسى بار... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ياز پەسلى بەك ئۇزۇن، قاراپ ئولتۇرغاندىن يولغا چىققان ياخشى، دەرھال ماڭايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.