تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلات»نى باھالاپ چىقتى، قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى تېپىپ بېقىڭ

يېقىندا

ساياھەتچىلەر ئۆزلۈكىدىن باھالاپ چىققان

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلات»

توردا ئالقىشقا ئېرىشتى

بۇلار نان، بىشەكچى قوغۇن، «شىنجاڭ قوزىسى» بولۇپ

بۇلار كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ قەلبىدە

«شىنجاڭنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داكا قىلىش»تىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى


نان

شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن

300 خىلدىن ئارتۇق تۈرى بار بولۇپ

تاتلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق تەملەردىكى نانلار، يەنە گۆشلۈك ۋە گۆشسىز نانلار بار

بۇلار كۈنجۈت نان، پىياز نان، ياڭاق نان

قىزىلگۈل نېنى، بادام نان، لازا نان، گۆش نان دەپ ئايرىلىدۇ

بۇ نانلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم مەززىلىك بولۇپ

سەپەردە قورساق تويغۇزۇشقا ماس كېلىدۇ ھەم ئاچقان يەرگە بارىدۇ

ساياھەتچىلەرنىڭ قايتىش سەپىرىدىكى جەزمەن ئالىدىغان «سەپەر نېنى»

شۇنداقلا سوۋغاتلىق بۇيۇملىرى ئىچىدىكى ئالدىن تاللاشتۇر


بىشەكچى قوغۇن

«قوغۇنلار ئىچىدىكى ماروژنى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ

ناھايىتى يۇمشاق، ئېغىزغا كىرگەن ھامان ئېرىيدۇ

لېكىن پوستى ناھايىتى نېپىز بولغاچقا

بېسىلىشقا، ئۇرۇلۇشقا چىدامچان ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن

بىر مەھەل «شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان شېرىن تەم» دەپ ئاتالغان

دەل بۇ شېرىن تەمنى ئېلىپ كېتىش تەس بولغاچقا

پۈتۈن توردا بىشەكچى قوغۇننى شىنجاڭدىن ئېلىپ كېتىپ

جايلاردا «نوپۇسقا ئالدۇرۇش» داڭلىق كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلگەن


«شىنجاڭ قوزىسى»

 بۇ يىلقى شىنجاڭ ساياھىتى مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن

 «شىنجاڭ قوزىسى»نىڭ ئۈستىگە ئەتلەس كۆيلەك كىيگۈزۈلگەن 

  بېشىغا رەڭلىك پەي تىكىلىپ، ياقۇت كۆز قويۇلغان گۈللۈك دوپپا كىيگۈزۈلگەن

قارىماققا ناھايىتى چىرايلىق، خۇشاللىق تۈسىنى ئالغان

ئەڭ مۇھىمى

ئۇنى خاسلىققا ئىگە DIY قىلىپ ياساشقا بولىدۇ

ساياھەتچىلەر زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئەركىن ماسلاشتۇرۇپ

ئۆزىگە خاس پاسوننى ئۆزى تاللاپ ياسىتالايدۇ


ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئۈچۈن

ئىنتايىن ئاددىي بولغان مەھسۇلاتنى ئېلىپ كېتىش تەدبىرىنى

رەتلەپ چىقتۇق

«ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلات» ئېلىپ كەلگەن رەسىم-قائىدە تۇيغۇسىغا ئىگە بولىسىز

نان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئۇزاققا چىدايدۇ

سەپىرىڭىزدىكى ئومۇمىي مۇساپىدە ئاچقان يېرىڭىزگە بارىدۇ، كۆپلەپ ئېلىۋېلىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ

ناننى ھەر كىم ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ

بىردىنبىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى

نان بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك


بىشەكچى قوغۇن تاللىغاندا

ئالدى بىلەن %80 - %70 پىشقان، پوستى بۇزۇلمىغان قوغۇننى تاللاش كېرەك

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

سورتنى خاتا تاللاپ قالماڭ


«شىنجاڭ قوزىسى»نى سېتىۋالغاندا

«شىنجاڭلىق قوزىكام»

ئۆز قولى بىلەن ياسىغاننى ئالمىسىڭىزمۇ

جاپا تارتىپ ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

نۇرغۇن دۇكانلاردا نەق مەيداندا DIY قىلىپ ياساپ بېرەلەيدۇ

ئۇنى پوچتا ئارقىلىق ئۆيىڭىزگە بىۋاسىتە ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ

بۇنىڭدا قولىڭىزنى بىراقلا بىكار قىلالايسىز

مەنبە: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

ئۈچ يۈرۈش ياخشى مەھسۇلات

بىرىنچىسى قايناق تۇرمۇشقا، ئىككىنچىسى شىرىن تەمگە

ئۈچىنچىسى مەخسۇس خاتىرە بۇيۇمغا تەۋە

ئۇ شىنجاڭنىڭ مۇلايىملىقى ۋە رومانتىكلىقىنى

ئۆزىگە تولۇق مۇجەسسەملىگەن

شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟

پەۋقۇلئاددە ئالقىشقا ئېرىشكەن ساياھەتچىلىك ئۈچ يۈرۈش مەھسۇلاتى ئىچىدە

 سىزنىڭ ھەممىدىن بەك قايسى مەھسۇلاتقا ئېرىشكۈڭىز بار؟

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.