
بەدەننىڭ ساغلام بولۇشى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنىڭىزنىڭ ياخشى ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىدە
نۇرغۇن كىشىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئۇخلىيالمايدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ، ھەممە ئادەم بىلەن جېدەللىشىدۇ، بۇ، «ئىككىلەمچى ساغلاملىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقىي ساغلاملىق ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بەدەندە كېسەل بولماسلىق، روھىي جەھەتتە ئازادە بولۇش، جەمئىيەت ئالاقىسى ئىناق بولۇش. بۈگۈن كەيپىياتىڭىز ياخشىمۇ؟ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلدىڭىزمۇ؟ كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى دېيەلەيدىغان دوستىڭىز بارمۇ؟ بۈگۈندىن باشلاپ، خۇددى قان بېسىمىڭىزغا كۆڭۈل بۆلگەندەك ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






