مۇرامەمەت ئەمەتجان مۇئەللىم كامېرا ئارقىلىق بۇ كاتتا مەنزىرىنى خاتىرىلىۋالدى:
كەچكى شەپەق نۇرى ئاستا-ئاستا بىپايان پامىر ئېگىزلىكىگە يېيىلغاندا، پۈتكۈل تەبىئەت ئىللىق قىزغۇچ سېرىق يۇمشاق نۇرلارغا چۆمۈلدى.
يىراقتىكى تۇتاش كەتكەن قارلىق چوققىلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى جىلغىنى بويلاپ شىلدىرلاپ ئاقاتتى، يايلاققا چېچىلىپ ياتقان كىگىز ئۆيلەر جىمجىتقىنا چوقچىيىپ تۇراتتى، تاغ-دەريالار ۋە ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن مۇلايىم يۇغۇرۇلغانىدى. ئۇششاق يېقىملىق نۇر دەستىلىرى چەكسىز كەڭ دالىنى تېشىپ ئۆتكەنىدى، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق، بىپايان، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ ۋە دەريالار كۆزىمىزگە چېلىقسا، ئاستى تەرەپتە مورىلاردىن چىقىۋاتقان ئىس، چېگرا رايوندىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئاددىي ھەم خاتىرجەم، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشىغا مەستخۇش بولىمىز.
قار-شىۋىرغان بىلەن ئىللىق شەپەق نۇرى بۇ جايدا مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇپ، ئېگىزلىكتىكى سۈزۈك سوغۇق ھاۋاغا ئۆزگىچە ئىللىقلىق بېغىشلىغانىدى، مانا بۇ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئۇلارغا ئۆزگىچە ئازادىلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان ئېگىزلىك مەنزىرىسىدۇر.
فوتوگراف: مۇرامەمەت ئەمەتجان















