− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىمىز، ساغلاملىقنى قوغدايمىز
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، مەن <خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇش>نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بىز تېخىمۇ قەتئىي ھالدا خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلماي، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خوۋ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىلدىن بۇيان، مەركىزىمىز دىققەتنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىبارەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەكتەپ بىلەن يەرلىك قوشماقلىشىپ يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش سېپىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارى ئەمەلىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ھالىتىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈز پەسىللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى «بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى». ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە - ساغلاملىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۇ شياۋچۇەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىكى ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان. «باش شۇجىنىڭ <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچى ئوقاس سۈلەيمەنگە ئوردېن بەرگەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، بىز ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، <خەلق> دېگەن سۆزنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ قەلبىدىكى سالمىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» سۇ شياۋچۇەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىش، بايلىقنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ شىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىدە خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك، دورا، سانائەت مەھسۇلاتى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي پۇختا ساقلاپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە سۈپەت كۈچلۈك رايونى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز.
«105 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىپقىزىل قېنى، جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.» ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش - نەپىقە بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەش، مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىمىز، «بىز شىنجاڭنىڭ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نەپىقە بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە يار - يۆلەك بولۇش، كۆيۈنۈش، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت پونكىت - نۇقتىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دەل جايىدا كۈچ چىقىرىمىز.»
يىلتىز تارتىمىز، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قوشتولغاي بازىرىنىڭ يىسىنتولغاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جىن لېي باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قەتئىي ھالدا ئامما بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىشىمىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتىمىز داۋاملىق تۈردە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چارۋا يولىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى پۇختا ئىشلەپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايدۇ.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قىزغىن ئەمەلىيىتى ئېتىز - دالىلاردا قانات يايدۇرۇلدى. شەھەرلەردە، كەسپىي مائارىپ ئوخشاشلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى. شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چاۋخۇا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق بىلەن ماھارەتتە تەڭ تەربىيەلەنگەن تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنى جىپسىلاشتۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرىمىز؛ دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كەسپىي مائارىپنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ خاسلىقى روشەن، خەلق رازى بولىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي داشۆ قۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھۈنەر - سەنئەت ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرىمىز.
(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ چۇنخۇا، سو رۇڭجى، جاڭ دۇڭمېي، جاۋ شىيا)






