تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ بوستانلىق بەرپا قىلىش ئارزۇسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«بۇ سۈرەت قىسىم قۇملۇقتا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا خاتىرە قالدۇرۇلغان، ئەينى چاغدا، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 120 چاقىرىم ھەربىي يۈرۈش قىلاتتى...» 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شى 47 - تۇەنىگە جايلاشقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچى شيا تيەن بىر پارچە كونا سۈرەتنى كۆرسىتىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللاردىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، خاتىرە مۇنارىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا «1949.12.22» دېگەن قىزىل خەتلەر ئويۇلغان بولۇپ قۇياش نۇرىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئازادلىق ئارمىيە خوتەنگە كەلگەندىكى غەلىبە شانلىق نۇرى چاقنىغان شۇ كۈن ئەستە چىڭ ساقلانغانىدى. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، شۇ كۈنى خوتەننى غەلىبىلىك ئازاد قىلدى، كېيىن، ئۇلار شەمشەرنى ساپان قىلىپ چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، بىر ئۆمۈر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، 47 - تۇەندە ئىلگىرىكى قاقاسلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، يېپيېڭى بىنالار سېلىندى، يەنە «پېشقەدەم ئەسكەرلەر بازىرى» دېگەن يارقىن نامغا ئىگە بولدى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى توغراققا ئوخشاش بۇ جايدا يىلتىز تارتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.

قۇم دېڭىزىغا يۈرۈش قىلىش

18 كۈندە «ھالاكەت دېڭىزى»نى كېسىپ ئۆتۈش

1949 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ 1 - بىڭتۇەن 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەنىدىكى 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تېز سۈرئەتتە خوتەنگە يۈرۈش قىلىش، يېڭى يىل يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خوتەننى ئازاد قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەينى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ يول بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى يولنىڭ بويىدا ئادەممۇ، سۇمۇ بار ئىدى، ھەربىي يۈرۈش قىلىش نىسبەتەن قولاي ئىدى، ئەمما 500 - 600 چاقىرىم يولنى ئارتۇق ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتەتتى.

«خوتەن خەلقىنى بىر كۈنمۇ ئارتۇق جاپا تارتقۇزۇشقا بولمايدۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، خوتەننى بالدۇرراق ئازاد قىلىشىمىز كېرەك!» خوتەنگە تېزرەك يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، جەڭچىلەر تەمىنات بولمىغان، قورال - جابدۇقلىرى ئاددىي بولغان ئەھۋالدا، ئەڭ يېقىن، لېكىن ئەڭ جاپالىق يول − تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈشنى تاللىدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان قۇم دېڭىزىنىڭ مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنىدى. قۇم - بوران كۆتۈرۈلگەندە يەر - جاھان قاراڭغۇلىشىپ، جەڭچىلەر ھەش - پەش دېگۈچە كۆچمە قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قېلىپ، سەپداشلىرىنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، سېرىق قۇم ئۇلارنىڭ ئايىغىنىڭ چەمىنى ئۇپرىتىپ تېشىۋەتتى، كۆپچىلىك لاتا بىلەن پۇتىنى چىڭ ئورىۋالغان بولسىمۇ، پۇتلىرى قاناپ كەتتى، لېكىن ئۇلار يەنىلا چىشىنى چىڭ چىشلەپ بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ خوتەن تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

18 كېچە - كۈندۈز يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق، جەڭچىلەر خوتەنگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ كېلىپ، زور كۈچ بىلەن باندىتلارنى چۆچۈتتى. ئۇلارنىڭ باتۇرانە جاسارىتىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1 - دالا ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى مۇنداق تېلېگرامما يوللىدى: «سىلەر خوتەنگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپ، دالىدا يېتىپ - قوپۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەربىي يۈرۈش قىلىش رېكورتىنى ياراتتىڭلار، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ غەلىبىلىك ھەربىي يۈرۈش قىلغان شەرەپلىك جەڭچىلىرىمىزگە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.»

خاتىرە سارايدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئەينى يىللاردىكى ھەربىي يۈرۈش قىلىش لىنىيەسى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، قۇملۇقتا 790 كىلومېتىر مۇساپىنى 18 كېچە - كۈندۈز بېسىشتىكى ھەربىر قەدەم جاپا - مۇشەققەتكە تولغانىدى.

قۇملۇقتا يىلتىز تارتىش

«قالىمەن» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن بىر ئۆمۈر قالدى

«مەڭگۈ ئالماشماي مۇداپىئەدە تۇرۇش» ناملىق رادىيو دىرامىسىنىڭ 1 - قىسمىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر بۆلەك دىيالوگ بار:

«تەشكىل ھەقىقەتەن بىزگە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇردىمۇ؟»

«بۇ قېتىم بىز قەيەرگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىدىكەنمىز؟»

«بۇ قېتىم ئۇرۇش قىلمايمىز.»

«ئۇرۇش قىلمامدۇق؟»

«بەلكى ئۇرۇش قوراللىرىمىزنى ساقلاپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش قوراللىرىنى قولىمىزغا ئالىمىز.»

قۇملۇقنى بېسىپ ئۆتتى؛ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. لېكىن جەڭچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ چوڭ سىناق جياڭجۈن ۋاڭ جېننىڭ: 15 - تۇەن خوتەنگە ئورۇنلىشىدۇ، ھەرگىز يۆتكىلىشكە بولمايدۇ، دېگەن بۇيرۇقى بولدى. بۇ بۇيرۇق قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جەڭچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق بۇ تۇپراقتا داۋاملىق قېلىپ، شەمشەرنى ساپان قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

شيا تيەننىڭ بوۋىسى ۋاڭ يوۋيى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 2018 - يىلى، شيا تيەن بوۋىسى بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتقان جايغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرە ساراينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى. ئۇ كىچىكىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ھېكايىلەر ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىغا ئايلاندى − تۇرىدىغان جاي بولمىسا، ئۇلار گەمە كولىدى؛ بوز يەر ئېچىش قورالى بولمىسا، يۇلغۇن شاخلىرىدىن سېۋەت توقۇپ قۇم - توپا توشۇدى؛ ئوغۇت بولمىسا، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قوي قوتىنىنى تازىلىدى، كوچىغا چىقىپ قىغ تەردى؛ يېمەكلىك كەمچىل بولسا، ئۇلار ياۋا كۆكتات كولاپ يېدى، كولايدىغان ياۋا كۆكتات قالمىغاندا، مومىنى تۇز سۈيىگە تەگكۈزۈپ يېدى ... كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، جەڭچىلەر قول ھارۋىسى بىلەن قۇم توشۇپ قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ساپان سۆرەپ مۇنبەت ئېتىزلارنى ئېچىپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە پارچە - پارچە بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، يەنە بىر جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى.

«مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ باشقا جايغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىق ھېكايىسى بولدى.» شيا تيەن ئالدىرىماي سۆزلەشكە باشلىدى.

خوتەنگە كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن تارتىپ، كۆپ ساندىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر شىنجاڭدىن قايتا چىقىپ باقمىغانىدى. تاكى 1999 - يىلىغا كەلگەندە، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئاندىن تۇنجى قېتىم قۇملۇقتىن چىقىپ، تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچى، شىخەنزە شەھىرىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا، ئۇلار جياڭجۈن ۋاڭ جېننىڭ ھەيكىلىگە قارىغىنىچە، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلار ئاڭلىق ھالدا بىر سەپ بولۇپ تىزىلىپ، پېشقەدەم باشلىققا مۇنداق دوكلات قىلدى: «دوكلات سىلىڭيۈەن، بىز جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەن 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەننىڭ جەڭچىلىرى، سىز بىزگە تاپشۇرغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق. سىز بىزدىن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشنى تەلەپ قىلدىڭىز، ئەۋلادلىرىمىز چېگرا رايوننى گۈللەندۈردى، بىز قىلالىدۇق!»

ھەر قېتىم سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شيا تيەننىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كېتەتتى.

مەشئەلنى داۋاملىق يەتكۈزۈش

پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 14 - شى 47 - تۇەن دوختۇرخانىسى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ ئىشىكى سىرتىدا كېسەل كۆرسىتىشنى كۈتۈۋاتقانلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى، ئەي لېسۇڭ تومۇر تۇتۇش، يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، رېتسېپ يېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرگۈدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ تۇەن - مەيداندا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 12 - يىلى ئىدى.

2014 - يىلى، شەندۇڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن ئەي لېسۇڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملىتىپ، 47 - تۇەن دوختۇرخانىسىغا كەلدى. دەسلەپتە، ئۇ بۇ جايدا قېلىشنى ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم قۇم دېڭىزى پېشقەدەم ئەسكەرلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئەگىشىپ پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پېشقەدەملەرنىڭ قۇم دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا قېلىش ئويى خۇددى بىر تال ئۇرۇققا ئوخشاش، ئاستا - ئاستا قەلبىدە بىخ سۈردى.

پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى شيا تيەننى قايتۇرۇپ كەلدى شۇنداقلا ئەي لېسۇڭنى ئېلىپ قالدى.

«پېشقەدەم ئەسكەرلەر بۇ جايدا خۇددى توغراقتەك يىلتىز تارتتى، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم ئۆزۈمنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش» دېدى ئەي لېسۇڭ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋالاش بايلىقى كەمچىل بولغان شارائىتتا، 47 - تۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق «قۇم دېڭىزىدىكى ياش تېۋىپ»كە ئايلاندى. بۇ يىل ئۇ يەنە «يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارت» بولۇپ باھالاندى.

پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى يەنە قانداشلىق ۋە رايوندىن ھالقىدى. خېفېڭ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جىن ۋېيدۇڭ خاتىرە ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككى قېتىم ياش تۆكتى.

«پېشقەدەم ئەسكەرلەر ھاياتىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى بۇ جايدا قالدۇرۇپتۇ، بىزنىڭ خېفېڭ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىمىزمۇ بۇ تۇپراق ئۈچۈن ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلەمدۇ؟» شېنياڭغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار يىغىنى ئېچىپ، قاراقاش ناھىيەسىدە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلدى. 2025 - يىلى 7 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ھازىرغىچە، شىنجاڭ خېفېڭ يېمەكلىك پىششىقلاش پاي چەكلىك شىركىتى 560تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، جەمئىي مەھسۇلات قىممىتى 420 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى. مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ياشلىق باھارىمغا يۈز كېلىپ، گۈزەل ياشلىقىمنى قەدىرلەپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەن سۆزلىگەن لېكسىيەدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى شيا تيەن.

خاتىرە ساراي چۈشەندۈرگۈچىسىدىن «قۇم دېڭىزىدىكى ياش تېۋىپ»كىچە، كارخانىچىدىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىگىچە − پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى، ئۇلار خاتىرە ساراينىڭ كۆرگەزمە ئىشكاپلىرىدا ساقلىنىپ قالدى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ كۈمۈش يىڭنىلىرىدە ساقلىنىپ قالدى، زاۋۇتنىڭ ماشىنا ئاۋازلىرى ئىچىدە ساقلىنىپ قالدى، يەنە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ روھى يورۇتقان ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.