تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەڭ ئاسماندا راۋان يول ئېچىلدى، يىپەك يولىدا يېڭى ئېشىش بوشلۇقى بەرپا قىلىندى

− شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئاسىيا - ياۋروپا بوشلۇق تۈگۈنىنى بەرپا قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمى تۇنجى قاتنىغان ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭدىكى 29 - خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر يادرو، كۆپ قوشۇمچە بولغان، غول ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى سىستېمىسى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بىر تۈگۈن قوشۇلدى؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى جەمئىي تاماملىغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 13 مىليون 820 مىڭ 500 ئادەم قېتىم، يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 157 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %4.42، %11.28 ئاشتى... بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى دەلىللىمەكتە − تۈگۈننىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، «ھاۋا يىپەك يولى» تېخىمۇ كېڭەيدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ غول لىنىيە تۈگۈنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى تورىنى توقۇش، خەلقئارا يول سىغىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، «غول ۋە تارماق لىنىيەلەر ھەمتۈرتكە بولىدىغان، دۆلەت ئىچى - سىرتى ئۆزئارا راۋانلاشقان، كەسىپ بىلەن بوشلۇق ساھەسى يۇغۇرۇلغان، ئاقىللىشىش كۈچ قوشقان» ھاۋا ئالتۇن يولىنى بەرپا قىلدى.

ئاۋىياتسىيە يولى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى

بۈگۈر ئايرودۇرۇمى 4C دەرىجىلىك تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى بولۇپ، لايىھەدىكى كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن، 2030 - يىلىغا بارغاندا، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىنىڭ 600 توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بۈگۈر ناھىيەسىدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇمى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

ئايروپىلان قاتنىغاندىن كېيىن، بۈگۈر ناھىيەسىدە ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى تېز توپلىنىپ، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، ئەلا سۈپەتلىك كالا - قوي گۆشى قاتارلىق يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاۋىياتسىيە سوغۇق زەنجىرىگە تايىنىپ تېز سۈرئەتتە سىرتقا توشۇلۇپ، توشۇش سەرپىياتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىپ، توغراقلىق قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

بۈگۈر ئايرودۇرۇمى شىنجاڭنىڭ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى سېپىنى داۋاملىق زىچلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىدىغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان «ھاۋا بوشلۇقى ئاممىۋى قاتنىشى» تورى شەكىللىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق قاپلاش، نۇقتىلىق ناھىيە رايونلىرىغا تۇتىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار يەنە ئايروپىلان ئالماشقاندا مېھمانخانىدا يېتىش، تېز ئالمىشىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقىت سەرپىياتىنى ئازايتىپ، «ئاۋىياتسىيە + مەدەنىيەت - ساياھەت» بويىچە تېز سەپەر قىلىش، ئاستا ساياھەت قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

«ئىلگىرى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەندە، ھەممىدىن ئايروپىلان ئالمىشىشتىن ئەنسىرەيتتىم، ھازىر ئايروپىلان يەرگە قونغان ھامان شىنجاڭ ئىچىگە ئۇلاپ ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئالمىشىپ، بىر ھەپتىدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يادرولۇق مەنزىرە رايونلىرىنى ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىكەن.» شاڭخەيلىك ساياھەتچى لى يىجياڭنىڭ تەسىراتى شىنجاڭدا ئايروپىلانلىق سەپەرگە چىقىشتىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى.

شىنجاڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىش»تىكى دۆلەت ئىچى غول ئاۋىياتسىيە يولىنى سىجىل پۇختىلاپ، ئۈرۈمچىنى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەر توپىنىڭ يادرولۇق تۈگۈنلىرى بىلەن راۋان تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاۋار ئامىلى بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى بەش ئايدا، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 201ى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 144 بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى 23 شەھەر ۋە شىنجاڭ سىرتىدىكى 78 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنىدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملاردا شىنجاڭ ئىچىدە ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 128ى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدىن سىرت، باشقا ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدا بىردەك ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ شىنجاڭ سىرتىغا تۇتىشىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

زىچ بولغان ئۇلاپ ئۇچۇش لىنىيەلىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل جارى قىلدۇردى، «كۆپ كىرىش، كۆپ چىقىش» بويىچە شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش ئاۋىياتسىيە يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئازادە، راۋان سەپەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رەڭگارەڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

ئاسىيا - ياۋروپا ئوتتۇرا لىنىيەسى تېز شەكىللەندى

3 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىغىنىدا، «جۇڭگو شىنجاڭ - قازاقىستان تېز لىنىيەسى» چېگرا ھالقىغان ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىق تۈرى قوزغىتىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا يادرولۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىنى ئۆستۈرۈش.

«ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىياسەت پايدىسى قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچىنى يادرولۇق تىرەك نۇقتا قىلغان ئاسىيا - ياۋروپا ئوتتۇرا لىنىيەسى تېز شەكىللەنمەكتە، دۇنياۋى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرا لىنىيەسى يولىغا تىرانسپورت كۈچىنى يۆتكىدى.» جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ چاڭشۇن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا بوشلۇق كارىدورىنى كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز ھەم ياۋروپا يۆنىلىشىگە يۈزلەنگەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىمىز.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ «غەربكە چىقىرىش»تىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يولى راۋان، تەرتىپلىك بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتتى. بېيجىڭ - ئۈرۈمچى - باكۇ، قەشقەر - ئوش قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئاچتى؛ ئۈرۈمچىدىن تىبىلىس، باكۇ، ئىستانبۇل، يېرېۋان، باڭكوكقا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى سىجىل كۆپەيتتى. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ھەمدە پاكىستان، گىرۇزىيە، ئىران قاتارلىق 18 دۆلەتتىكى 22 شەھەرنى قاپلىدى.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، گۇاڭجوۋ - ئۈرۈمچى - فىرانكفورت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي ئايروپىلان قاتناپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىن گېرمانىيەگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى قىتئەلەر ئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ قالدى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى ياۋروپانىڭ مەركىزىي رايونى بىلەن تۇتاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان ھاۋا يولى بەرپا قىلىندى.

يولۇچى توشۇش تورىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ھاۋا سودا كارىدورى تېز سۈرئەتتە ئۇزارتىلىپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتىدا «يول مۇلازىمىتى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭ بويىچە خەلقئارا يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 30 نەچچىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۈركىيە، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنى قاپلىدى، 6 - ئايدا، ئۈرۈمچى - شەرقىي مىدلاند تولۇق يۈكلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي ئايروپىلان قاتناپ، شىنجاڭدا ياۋروپا بازىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان يەنە بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت يولى كۆپەيدى.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن رايون ئورنى كۆزنىكى بىرىكمە تىپىدىكى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئوتتۇرا ئاسىياغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمتۈرتكە بولىدىغان» ئىستېرېئولۇق ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

«شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تولۇق يۈكلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈك تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پورتلارنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە مېيى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى يىغىش - تارقىتىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتتە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېدى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى، تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جۈنيەن.

يېڭى ئەۋزەللىك يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى تىيانشان ئاسمىنىدا گىرەلەشتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۈمۈش رەڭلىك ئايروپىلانلار بېرىپ - كېلىپ پەرۋاز قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئايروپىلانلار قاتناۋاتقان ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى.

C909 تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 35 ئايروپىلان شىنجاڭ ئىچىدىكى بارلىق خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇملىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش، بىر كۈندە يېتىپ بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، C909 ئايروپىلانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150كە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، قىش پەسلىدىمۇ ئۇچۇشنى توختاتمىدى، شىنجاڭدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى جەمئىي 3 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن تىجارىتىنىڭ مۇھىم بازىسىغا ئايلاندى.

چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش بوغالتىر خۇاڭ لىيىڭ مۇنداق دېدى: «كارخانىمىز شىنجاڭدىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونىغا قاتنايدىغان خەلقئارا قىسقا مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ساياھەت شەھەرلىرىنى قاپلىغان كېسىشمە - ئايلانما لىنىيەلىك ساياھەت ئاۋىياتسىيە تورىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، C909نىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خاس، پەرقلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.»

پۈتۈن رايوندىكى زىچ توقۇلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. تارماق لىنىيەلىك ئاۋىياتسىيەنىڭ كۆلەملەشكەن تىجارىتى ئاساسىدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى سىجىل جارى قىلدۇرغان سىياسەت پايدىسىغا تايىنىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى بىلەن ئاۋىياتسىيە يانداش كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاۋىياتسىيە رېمونتچىلىقى، تۆۋەن بوشلۇق مەدەنىيەت - ساياھىتى، ئاقىل ئايروپورت قاتارلىق كۆپ خىل مۇسابىقە يوللىرى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇۋۋىتىنى ماس قەدەمدە يېتىلدۈردى.

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گىرۇزىيە CAMEX ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن كەلگەن بوئېن 800 - 737 تىپلىق بىر يۈك ئايروپىلانى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇش تېخنىكا شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ بازىسىدا باجدىن خالىي رېمونت قىلدۇرۇش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى. بۇ، بۇلتۇر 1 - ئايدا تۇنجى باجدىن خالىي رېمونت كەسپى ئەمەلىيلەشكەندىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن چېگرا سىرتى ئايروپىلانىنى 6 - قېتىملىق باجدىن خالىي رېمونت قىلىش كەسپى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى شىنجاڭ بازىسى كۆپ ساھەدە ئاچقۇچلۇق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى − ئايروپىلاننى باجدىن خالىي رېمونت قىلىش كەسپىنى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكتە تۇنجى ئايروپىلاننى چۇۋۇش مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، شىنجاڭدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش، لايىھەلەش بويىچە تۇنجى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىل (DMDOR) ئاپپاراتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاۋىياتسىيە رېمونتچىلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى.

ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىنىڭ قۇۋۋىتى مەۋج ئۇردى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ يىراققا نەزەر سالغاندا، نارات يايلىقى سۈرەتتەك يېيىلىپ تۇرىدۇ، تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ... «تۆۋەن بوشلۇق + ساياھەت» يېڭى ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى ساياھەت دائىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا تىزىمغا ئېلىنغان ئايروپىلان قاتناتقان كارخانا 24كە، تىزىملىتىلغان تۈرلۈك ئۇچقۇ 145كە يېتىپ، قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت، بوشلۇقتا سەيلە قىلىش بازىرىنىڭ ئېھتىياجى سىجىل جانلاندى. 2025 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا بوشلۇقتا سەيلە قىلىشقا قاتناشقان ساياھەتچى تەخمىنەن 37 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى.

«بىز ئاقىل ئايروپورت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 5G مەخسۇس تورىغا تايىنىپ ئادەمسىز، رەقەملەشكەن يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز، مەيدان ئىچىدە ئادەمسىز ئۈسكۈنە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر تاۋ رۇنۋېن مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، ئاۋىياتسىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان، پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يېڭى تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

پۇرسەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، بوشلۇق كەسپىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى كۈچلۈك موتور قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ۋە رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.