□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
شانلىق تارىخ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، پارلاق كەلگۈسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى، بۇ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تارىخىي پەيت.
«پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!» باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان بۇ ئۇلۇغ چاقىرىق تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە ئۇزاققىچە ياڭرىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ 105 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «بەش جەزمەن»دىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك.
بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلىگەن 100 يىللىق مۇساپە، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تىيانشاننى يورۇتتى. 105 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئارقىدا قېلىشتىن تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىپ، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا يۈزلىنىپ، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش دەل يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى پۈتۈپ چىقىش؛ پارتىيەگە بولغان ئەڭ ياخشى مەدھىيە دەل تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش. ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!» «15 - بەش يىل» باشلىنىپ، قەدەم ئېلىندى، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.






