تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، تېڭسېن چىڭزىنىڭ پېرۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېڭسېن چىڭزىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى كۆپىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پېرۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى. مەن جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان تېڭسېن چىڭزى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ پېرۇنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان گالارېتتاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.