تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

توقسۇن ناھىيەسى تۇڭگوۋ كەنتىدىكى 1000 مولۇق قىچا چېچىكى دېڭىزى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى

  7-ئاينىڭ 4-كۈنى، تۇرپان ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالدى، ئويمانلىق ئىچىدە ئىسسىق دولقۇن ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ھالبۇكى، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شىچۈەن بازىرى تۇڭگوۋ كەنتىدە، 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى سالقىن، سىرلىق جايدىكى 1000 مو يەردە قىچا چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، «ئوت يۇرتى»دىكى ئۆزگىچە سالقىنداپ چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان مەنزىرە رايونىغا ئايلانغانىدى.

  توڭگوۋ كەنتىدىكى قىچا چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلدى.

  

  شامال گېنېراتورى قىچا چېچىكى بىلەن بىر رامكىغا كىرىپ گۈزەل تۈسكە كىردى.

  

  تۇڭگوۋ كەنتىدىكى قىچىلار پورەكلەپ ئېچىلدى.

  تۇڭگوۋ كەنتىدىكى 1000 مو يەردىكى قىچا چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.

   ھازىر، قىچا چېچىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى بولۇپ، چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. تومۇز ياز كۈنلىرىدە، تىيانشان ئېتىكىگە بېرىپ، ئوت يۇرتىنىڭ تومۇز ئىسسىقىدىن دالدىلىنىپ، قارلىق تاغ ۋە گۈل دېڭىزىدىكى بىر مەيدان سالقىن ئۇچرىشىشقا ئاتلىنىڭ.

   (تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى: لى جىڭخەي، ۋاڭ لۇ، خۇ گوكەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.