بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن يازلىق تەتىلنى كۈتۈۋالىدۇ. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى تىنچ، ساغلام، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى بەس-بەستە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا يېزىلغان خەت»نى ئېلان قىلىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ماسلىشىش، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى.
بىخەتەرلىك تەتىللىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. ياز پەسلى سۇغا چۆكۈپ كېتىش كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئاتا-ئانىلارنى بالىلارغا بولغان سۇغا چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى، بالىلاردىن «ئالتىنى قىلماسلىق» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىشنى ئەسكەرتتى: ئۆز مەيلىچە سۇغا چۈشۈپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئۆز مەيلىچە باشقىلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار يېتەكلىمىگەن ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى يوق، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوق سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئېنىق بىلمەيدىغان سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ سۇ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەيلىچە سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزماسلىق. ئەگەر ھەمراھلىرى سۇغا چۆكۈپ كەتسە، دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشقا چاقىرىپ، چوڭلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھەم 110، 120گە تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك.
جىسمانىي-روھىي ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈپ، دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلمىي تەربىيە قارىشى تۇرغۇزۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بالىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق پىلانلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا كۆپرەك يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھ بولۇش، دالا تەنھەرىكىتى، ئائىلە ئىشلىرى، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىللە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئىللىق، ئىناق ئائىلە كەيپىياتى يارىتىش تەكلىپى بەردى. ئاتا-ئانىلارنى باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، بالىلارنى ئۆز كەيپىياتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىپادىلەشكە ھەم قىيىنچىلىققا ئورتاق يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، بالىلاردا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار بولغان پىسخىك ھالەت يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئەگەر بالىلاردا كەيپىيات سىجىل تۆۋەن بولۇش، تەشۋىشلىنىش ياكى ئىش-ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇش ئەھۋاللىرى بايقالسا، ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يېتەكلەش، زۆرۈر بولسا مەكتەپ ياكى كەسپىي پىسخىكا مەسلىھەتى ياردىمى تەلەپ قىلىش كېرەك.
ئوقۇش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە مۇۋاپىق ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشىگە ھەم ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك؛ بالىلارنى كۆپ كىتاب ئوقۇشقا، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بالىلارغا يېزىقنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ بالىلارنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا مۇۋاپىق قاتنىشىشقا، قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، تۇرمۇشتا ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن جايدىكى مائارىپ ئىدارىلىرى خېتىدە ئاتا-ئانىلارنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى بېسىمىنى قارىغۇلارچە ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بالىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى تۈرلۈك ئاپپارات ھەم شەخسلەر نامىدىكى ھاۋالىلىك قاراشقا قاتناشتۇرماسلىقى، قىيىن نۇقتىلارغا جاۋاب بېرىش، دەرسكە يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش مەسلىھەتى بېرىش نامىدا ئېچىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپ پەن تۈرىدىكى دەرس تولۇقلاش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرماسلىقى كېرەك. بالىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ، دەم ئېلىشنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، دالا تەنھەرىكىتى، شۇنداقلا جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشتىن يىراق قىلىشى كېرەك.
ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاتا-ئانىلار بالىلار ئۈچۈن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ساپا تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنى ئاقىلانە تاللاپ بېرىشى، پەنلەرنى ئالدىن تەكرار قىلىشنى توسۇپ، بالىلارنىڭ دەم ئېلىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە كىتاب ئوقۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى مول مەزمۇندىكى رەڭدار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ چېنىقتۇرۇشى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشى، بالىلارنى تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنى ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك؛ بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بالىلارنىڭ مەھەللە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە بىلىمىنى ئاشۇرۇشىغا، شۇنداقلا يازلىق تەتىلنى مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.






