تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

«شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تارباغاتاي بېكىتى باشلاندى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى جاڭغىر مەدەنىيەت باغچىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.  

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تارباغاتاي بېكىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاڭغىر مەدەنىيەت باغچىسىدا باشلاندى.

    بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتى ئالتە كۈن داۋاملىشىدۇ، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، ساۋەن شەھىرى، شىخو شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىدىن تارباغاتاينىڭ مول تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادىمىيەت ئاساسى ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدۇ.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، جاڭغىر مەدەنىيەت باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

    پائالىيەت جەريانىدا، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى كامېرا ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس مەنزىرىسىنى تۇتۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قېزىپ، سۈرەت-يېزىق، قىسقا سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «ماي بوياق رەسىم كەبى تارباغاتاي»نىڭ رەڭگارەڭ ئۆزگىچە جەلىپكارلىقىنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىپ، تارباغاتاي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارباغاتاينىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ھەم تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئادەمسىز ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى بەيخۇالىن سۇلۇق يەر باغچىسىدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر جاڭغىر مەدەنىيەت باغچىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بەيخۇالىن سۇلۇق يەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بەيخۇالىن سۇلۇق يەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.