تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ

   ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، تەپسىلاتىنى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى»دىن كۆرۈڭ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈم، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم ، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈم، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بولۇپ جەمئىي توققۇز تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ. «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكومغا ئۆرلەپ ئوقۇش» تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 8-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

   دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى،  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم ۋە تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم مەركەزلىك ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇندىيالماسلىق ئەھۋالىغا قاراپ، تېخى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار توردا مەركەزلىك ئارزۇ تولدۇرۇشقا  تەشكىللىنىدۇ ھەم ئارخىپ چىقارغاندا تۈركۈم بويىچە مەركەزلىك ئارزۇ تولدۇرغان ئۇچۇر ئاساس قىلىنىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە مەركەزلىك ئارزۇ تولدۇرۇش باشلانغاندىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىرلا ۋاقىتتا كېيىنكى تۈركۈم ئارزۇغا تۈزىتىش كىرگۈزەلەيدۇ.

   ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە داۋاملىق باشقا جايدا يىراقتىن توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر تەرەپنىڭكىنىلا ئاڭلاپ قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەي، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئاساسەن، قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)گە كىرىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى» سەھىپىسىدىن «قوبۇل قىلىشنى تەكشۈرۈش» سىستېمىسىنى تاللاپ، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.​

«新疆招生»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.