ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا قاراشلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇشقا ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئارخىپىنى ساقلاپ باشقۇرسا بولىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا قاراشلىق ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى كۆزنەك تور بېكىتى (https://www.mohrss.gov.cn) «مۇلازىمەت كۆزنىكى» سەھىپىسى ياكى جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى (https://chrm.mohrss.gov.cn) ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى ۋە ئارخىپ ساقلاپ باشقۇرۇش ھەققى، كۆرۈش ھەققى، ئىسپات ھەققى، ئارخىپ ئەۋەتىش ھەققى قاتارلىق نامدىكى ھەقلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى






