تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى | سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە، باكتېرىيەنىڭ يېمەكلىك ماتېرىيالىنى ئەمەس، بەلكى «سوغۇق سەي»نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ

 سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە، باكتېرىيەنىڭ يېمەكلىك ماتېرىيالىنى ئەمەس، بەلكى «سوغۇق سەي»نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ

  سوغۇق سەي، ھەر خىل تېتىتقۇدا تەملەندۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر، تۇزلانغان خام سەي، سالات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلمايدۇ. ئەگەر تاماقخانىلاردىكى ئاشپەزلەر خام گۆش توغرىغان پىچاقنى دېزىنفېكسىيەلىمەي تۇرۇپ بىۋاسىتە خاڭگا توغرىسا ياكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا بەك ئۇزاق قويۇپ قويسا، سالمونېللا باكتېرىيەسى، لىستېرىيە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ئامال بار ئىسسىق سەي بۇيرۇتۇڭ ھەم يېيىشتىن بۇرۇن قازاندىن يېڭى چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈڭ. ئەگەر بەك سوغۇق سەي يېگۈڭىز كەلسە، سامساق قىيما قىلىنغان خاڭگا قاتارلىق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار سوغۇق سەيلەرنى تاللاڭ، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان ھەر خىل تېتىتقۇدا تەملەندۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتماڭ.

 مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

 بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ

 لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن

 يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.