يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى (2026-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە)نى باشلىدى. ھەرىكەت بارلىق يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۆت دەرىجىلىك سۈپەت تېزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە تاكاممۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈپ ھەم قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردا شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى سۈپەت پەرقىنى تەدرىجى كىچىكلىتىپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا بىخەتەر، قېلىپلاشقان ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.
ھەرىكەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئالغا سىلجىتىلىدۇ: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، مەركىزىي يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلار داۋالاش سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باشلامچى بولۇپ تاكامۇللاشتۇرىدۇ؛ كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، قالغان يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى، ئۆلچەمگە يەتكەن كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلام داۋالاش سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، دائىملىق يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئاساسىي قاتلامنىڭ دورا ئىشلىتىش، ئاسما ئوكۇل سېلىش بىخەتەرلىكى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھەرىكەتتە 10 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامبولاتورىيە جەھەتتە، تۇنجى دىئاگنوزغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ۋىراچلاردىن ئامبۇلاتورىيە كېسەللىك تارىخىنى ئۆلچەملىك يېزىش تەلەپ قىلىنىپ، داۋالاش خاتىرىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ۋاقىتچانلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ دورا ئىشلىتىش جەھەتتە، «دورا ئىچىش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولسا مۇسكۇلغا ئوكۇل ئۇرماسلىق، مۇسكۇلغا ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولسا ئاسما ئوكۇل ئۇرماسلىق» پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر خىل مەھسۇلاتقا ئىككى خىل بەلگىلىمە چىقىرىش» چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، سوزۇلما كېسەللىك دورىلىرى كەنت داۋالاش ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ جىددىي داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش جەھەتتە، كۆكرەك ئاغرىش، سەكتە بولۇشنى داۋالاشنى بىرلىك قىلغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىشتىن بۇرۇن جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كىيىنكى جىددىي داۋالاش ئۇچۇرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋە ۋاقتىدا يۆتكەپ داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش جەھەتتە، ئۈچ دەرىجىلىك ياتاق تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، داۋالاش ئىشلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ؛ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە، بىر قېتىملىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكرار ئىشلىتىش قەتئىي چەكلىنىپ، تېببىي خادىملارنىڭ قول تازىلىقىغا رىئايە قىلىشى ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروبسىزلاندۇرۇشنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر داۋالاش گۇرۇھى ۋە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىدىكى باشلامچى دوختۇرخانىلار ئۆزىگە قاراشلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش سۈپىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ، 2-، 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىۋېرسال بۆلۈم، جىددىي داۋالاش، جۇڭيى تېبابىتى، تەكشۈرۈش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ.
«新疆日报» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






