ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 2026-يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىش، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاش قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشكە ئەگىشىپ، يولۇچىلار ئېقىمى گىرەلەشمە ئېشىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشتا ھاۋا يولى ئارقىلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭ كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ ۋە زىچلاشتۇرۇپ، خەلققە قولاي تەدبىرلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يازلىق يولۇچى توشۇش، سەپەرگە چىقىشقا كۈچ قوشتى.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ (پايتەخت، داشىڭ)غىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، مەخسۇس ئالدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنى دائىملىق ئېچىپ، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ھاۋا يولى تېز لىنىيەسىدە پۈتۈن جەريانلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى.
سۈرەتنى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى تەمىنلىگەن
يازلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى ھالەتتە يۈرۈشتى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر كۈندە 681 ئايروپىلان قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشقا كاپالەتلىك قىلدى، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 110 مىڭ چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 110 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇ ئايروپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈگۈنلۈك يىغىلىش-تارقىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچىلارنىڭ تېز ئېشىۋاتقان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇردى.
ئۈرۈمچى−ئوردوس−فۇجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئىچكى موڭغۇلدىكى ئوردوسقا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ لىنىيەدە 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە UQ2519 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئوردوسقا يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 13تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئوردوستىن ئۇچۇپ، سائەت 16دە فۇجوۋغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىش مۇساپىسىدە UQ2520 نۆۋەتچى ئايرۇپىلان سائەت 16دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە فۇجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئوردوسقا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئوردوستىن ئۇچۇپ، سائەت 23تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.
غۇلجىدىن چاڭشاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۈندە بىر قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە EU2293 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشادىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە EU2294 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 1دە چاڭشاغا يېتىپ بارىدۇ.
كورلىدىن چاڭشاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە شيامېن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MF8597 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 14تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشادىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە MF8598 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 0دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشاغا يېتىپ بارىدۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى يەتتىدىن ئاشتى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى ئۈرۈمچى-بېيجىڭ (پايتەخت، داشىڭ) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە مەخسۇس ئالدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنى دائىملىق ئېچىپ، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ھاۋا يولى تېز لىنىيەسىدە پۈتۈن جەريانلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى.






