يېقىنقى مەزگىلدە
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ
نۇرغۇن جايدا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى
7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە
تۇرپان، پىچان، قومۇل، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردىكى
جەمئىي ئون پونكىتتا (ھاۋارايىدىن ئاپتوماتىك مەلۇمات بېرىش پونكىتى)
تېمپىراتۇرا شۇ پونكىتنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىممىتىدىن بۆسۈپ ئۆتتى
توقسۇن، تۇرپان دۆڭ كارىز قاتارلىق بەش پونكىتتا
تېمپراتۇرا تارىختىكى يۇقىرى قىممەتكە تەڭلەشتى ياكى 2-، 3-ئورۇندا تۇردى
بۇ ھەپتە (7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە)
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدا «شىمالدا يامغۇر يېغىش، جەنۇبتا ئىسسىق بولۇش» ئەندىزىسى كۆرۈلىدۇ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن قىسقا مۇددەتلىك سالقىنلىق ئېلىپ كېلىدۇ
جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدۇ

7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 8دىن 9-كۈنى سائەت 8گىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى.
مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 8-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا يەنىلا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان تېمپېراتۇرا سىجىل كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن.
7-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 10-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن ھەم قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 8 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدىكەن.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8دىن 10-كۈنى سائەت 8گىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى.
مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدىن 12-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدە يەنىلا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يەنە 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت.
بۇ ھەپتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككى قېتىم يامغۇر ۋە بىر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈتۈۋېلىنغان بىر قېتىملىق يامغۇردىن باشقا، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدىن 9-كۈنى كۈندۈزگىچە، شەھەر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا بوران كۈچى 7 بالدىن 8 بالغىچە بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر رايونىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، شەھەرنىڭ شىمالى، مىدۇڭ رايونى، گەنچۈەنپۇنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. ھەپتىنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى رايونلاردا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شەھەر رايونىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 19 سېلسىيە گىرادۇستىن 26 سېلسىيە گىرادۇستقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 28 سېلسىيە گىرادۇستىن 36 سېلسىيە گىرادۇستقىچە بولىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ ھەپتە جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ھەم ئىككى تەرىپى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىل ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن جايلاردا قار ئېرىش تىپىدىكى ۋە ئارىلاشما كەلكۈننىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ، ساياھەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قاتناش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا يازغى بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىيان، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر چوڭ. ھۆل-يېغىن ھەم قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك، ئاممىنىڭ سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پايدىسىز ھاۋارايى مەزگىلىدە تاغلىق رايونغا كىرىشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.






