تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

تەنھەرىكەت ئايىقىغا ئائىت ئىستېمال كۆرسەتمىسى

   ۋاسكېتبول ئايىغى، يۈگۈرۈش ئايىغى، چويلا توپ ئايىغى، پەي توپ ئايىغى ... ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەت سورۇنىدا، ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئاياغ چەمى بىلەن ئاياغ يۈزىنىڭ لايىھەلىنىشى، ماتېرىيال سۈپىتىدىمۇ مۇناسىپ پەرق بولىدۇ، مۇۋاپىق تاللىغاندىلا ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشنى ئازايتىپ، تەنھەرىكەتنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

   ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تەنھەرىكەت ئايىغىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

   ۋاسكېتبول ئايىغى: ۋاسكېتبول ھەرىكىتىدە كۆپىنچە يۈگۈرۈش، سەكرەش، جىددىي توختاش، جىددىي مېڭىش ھەرىكەتلىرى بولىدۇ، ۋاسكېتبول ئايىغىنىڭ چەمىنىڭ تېيىلىشتىن ساقلىنىش، سىلكىنىشنى پەسەيتىشكە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئويما سىزىقچىلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر بولىدۇ؛ ئوشۇقنى قوغداش ئۈچۈن، ئاياغنىڭ يۈزىگە ئاسان شەكلى ئۆزگەرمەيدىغان چىداملىق بىرىكمە ماتېرىيال ياكى خۇرۇم ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ.

   ۋاسكېتبول ھەرىكىتىدە، ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئوينىغاندا، تاللايدىغان ئاياغمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئوشۇقىنى قوغدايدىغان ئېگىز قونچلۇق ئاياغنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ ئارقا مۇداپىئەچىگە قويۇلىدىغان سۈرئەت تەلەپ يۇقىرى، كۆپ قېتىم تېز توختاپ، سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىدۇ، شۇڭا تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى، جانلىقلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تۆۋەن قونچلۇق ئاياغنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   يۈگۈرۈش ئايىغى: ئوخشاشلا تەۋرىنىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى يېنىك، قولاي بولۇش، ئىسسىقلىق تارقىتىش، ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئاياغ يۈزى تېخىمۇ يېنىك، نېپىز، چەمى كۆپىنچە تىك يۆنىلىشتە بولۇپ تېيىلىش كۈچىنى پەسەيتىدۇ.

   ئەلۋەتتە، ئوخشاشلا يۈگۈرۈش ئايىغىنىڭ ھەرىكەت ۋاقتى، قەدەم چاستوتىسى، سۈرئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن لايىھەلىنىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. كەسپىي ماھارەت يۈگۈرۈش ئايىغىنىڭ چەمىگە كۆپىنچە كاربون تاختا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئاياغ پۇت ئالقىنى ئالدىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قىلىپ لايىھەلىنىپ، يۈگۈرگەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ قايتما ئىنكاسى كۈچەيتىلىدۇ؛ كۈندىلىك ئاستا يۈگۈرۈش ئايىغىدا سىلكىنىشنى پەسەيتىش ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، چەمى سەل قېلىن بولىدۇ؛ پىيادە مېڭىش ئايىغىنىڭ چەمى نېپىز ھەم تەكشى بولىدۇ.

   چويلا توپ ئايىغى، تىكتاك توپ ئايىغى، پەي توپ ئايىغى: ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن لايىھەلەشتە ھەرقايسىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، لېكىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرىمۇ بار: ھەرىكەت جەريانىدا يانغا كۆپ يۆتكىلىپ تۇرغاچقا، ئاياغ يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپى ئادەتتە مۇستەھكەملىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئاياغنىڭ چەمى توغرا يۆنىلىشلىك سىزىقچىلارنى ئاساس قىلىپ، يانغا تېيىلىشتىن ساقلايدۇ.

   ۋالىبول ئايىغى: ئومۇمەن تېخىمۇ يېنىك، ئەپچىل، ئاياغ چەمىنىڭ تېيىلىشنى پەسەيتىش ئىقتىدارى گەۋدىلىك، ئاياغ قونچىنىڭ ئېگىزلىكى مۇۋاپىق بولۇپ، سىلكىنىشنى پەسەيتىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

   تەنھەرىكەت ئايىغىنى ئارىلاشتۇرۇپ كىيىشكە بولامدۇ؟

   چويلا توپ ئايىغى، پەي توپ ئايىغى، تىكتاك توپ ئايىغىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئارام ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك توپ تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئارىلاشتۇرۇپ كىيسە بولىدۇ؛ ۋاسكېتبول ئايىغى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كۈندىلىك يول ماڭغاندا، ئادەتتىكى توپ تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا كىيسە بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت كىيسە پۇت يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كاربون تاختا ئىشلىتىلگەن كەسپىي يۈگۈرۈش ئايىغىنىڭ چەمى قاتتىقراق بولۇپ، ئاياغنىڭ بېشى يۇقىرىغا قارىتىلىپ، ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا ئاغىدۇ، ئادەتتە ئاستا يۈگۈرۈش ياكى كۈندىلىك يول ماڭغاندا، ئۇزاق ۋاقىت كىيسە مېڭىش ھالىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ئەكسىچە پۇت بىئارام بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ قەدەم چاستوتىسى، سۈرئىتى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىلا كاربون تاختا رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، شۇڭا كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشتا قارىغۇلارچە «ئالىي سەپلىمە» قوغلىشىش ھاجەتسىز.

   بالىلار تەنھەرىكەت ئايىغىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

   بالىلار تېخى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، ئاياغ چەمىنىڭ ئالدىنقى 1/3 قىسمى ئېگىلىدىغان، كېيىنكى يېرىمى قاتتىقراق ئاياغلارنى تاللاپ، بالىلارنىڭ پۇت مۇسكۇللىرىنى تولۇق چېنىقتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاياغنىڭ ئۇچىنى پۇختىلاپ، پۇتنى مۇداپىئە قىلىشنى ياخشىلاپ سوقۇلۇپ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   تەنھەرىكەت ئايىغىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

   ئەگەر ئاياغ يۈزى مەينەت بولسا، ئامال بار ھۆل لاتا ياكى ئاز مىقداردا ئىسپىرت بولغان پاكىز لاتا بىلەن سۈرتۈش، يۇيغاندا ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويماسلىق، ئاياغ يېلىمى ئاجراپ  كېتىش، ئاياغ يۈزى سارغىيىپ كېتىش، ماتېرىيالى كونىراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ تور يۈزلۈك، توقۇلما يۈزلۈك ئاياغلارنى قاتتىق مويلۇق چوتكىدا يۇيۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا توقۇلما رەختىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

   ئاياغ ئىچىنى ئاسراشتا شامال ئۆتۈشتۈرۈپ قۇرۇتۇشنى ئاساس قىلىش، ھەرىكەتتىن كېيىن ئاياغنى ھىم ئېتىلگەن ئاياغ ئىشكاپىغا بىۋاسىتە سالماسلىق، نەملىكتە باكتېرىيە، غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر يەنىمۇ تازىلاشقا توغرا كەلسە، پېتەكنى ئېلىپ ئايرىم يۇيۇپ ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.

مەنبە: «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.