تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىدۇ!

   يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «كىتابخۇمار شىنجاڭ تىيانشاننى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كىتاب ئىستېمال بېلىتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى يىجىفۇ(翼支付) Appسىغا كىرىپ تىزىملاتسا، ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدىكەن، شەھەر رايونىدىكى ھەمكارلىق ئەمەلىي گەۋدە كىتابخانىلىرىدىن كىتاب سېتىۋالسا ئومۇمىي باھادىن بىۋاسىتە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىكەن.

   بۇ قېتىمقى ئىستېمال بېلىتى ئۈرۈمچىدىكى خېرىدارلارغا تارقىتىلىدۇ، ئىستېمال قىممىتى 100 يۈەنگە توشسا 30 يۈەن، 200 يۈەنگە توشسا 60 يۈەن، 300 يۈەنگە توشسا 100 يۈەن، 500 يۈەنگە توشقاندا 180 يۈەن كېمەيتىلىدۇ، بۇ كۈندىلىك كىتاب تاللاش، ئائىلىدە ساقلىنىدىغان كىتابلارنى تولۇقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئېھتىياجنى قاپلايدۇ.

   ئىستېمال بېلىتى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەكرار تارقىتىلىدۇ، ھەر جۈمەدىن يەكشەنبىگىچە بىر قېتىم، دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. ئوخشاش بىر خېرىدار ھەر قېتىمدا تۆت خىل سوممىلىق ئىستېمال بېلىتىدىن بىردىن ئالسا بولىدۇ، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغانلار ئاۋۋال ئېرىشىدۇ، تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش توختىتىلىدۇ. ئىستېمال بېلىتى ئىلتىماس قىلىپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ. ئىشلەتكەندە، شەھەر ئاھالىلىرى يىجىفۇ(翼支付) Appسىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم بىلەن دەلىللەشنى ئالدىن تاماملىشى ھەمدە يان تېلېفون ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەشنى ئېچىشى، دۇكانغا بېرىپ ھېسابات قىلغاندا پۇل تۆلەش نومۇرىنى كۆرسىتىشى كېرەك، سىستېما مۇناسىپ سوممىنى ئاپتوماتىك كەچۈرۈم قىلىدۇ. ھەر بىر پارچە ئىستېمال بېلىتى پەقەت بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ، ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇلمايدۇ، پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بىر قېتىملىق زاكاز تالونىدا پەقەت بىر ئىستېمال بېلىتى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىستېمال بېلىتىنى دۇكانلاردا ئېتىبار بېرىش، ئەزالىق ئېتىبارى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىپ، كىتاب سېتىۋېلىش چىقىمىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

   نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى، شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى قاتارلىقلار ھەمكارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

   پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۇدا ئۆتكۈزۈلگىنىگە كۆپ يىل بولغان بولۇپ، ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن، ھەم تور سىرتىدىكى كىتابخانىلارنىڭ سودىسىنى جانلاندۇرۇپ، شەھەرنىڭ كىتابخۇمار كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.