تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار قانات يايدۇرۇلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي يىڭ

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2026 - يىلى 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى(CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.0 ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، خەلق ئىگىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.

مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشى بۈگۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى دائىملىق ھالەت بولۇپ قالدى. لېكىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىنى توسۇش بىر مەيدان زور كۈرەش ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىز «كۈمۈش تەڭگە جېڭى» «گۈرۈچ، پاختا جېڭى»نى تەشكىللەپ، ھايانكەشلىك كاپىتالىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، مال باھاسىنى ئۈنۈملۈك تۇراقلاشتۇرۇپ، مالىيە - ئىقتىسادنى تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇردۇق.

مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مالىيە - ئىقتىسادنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە - ئىقتىساد سېپىدە قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى زور غەلىبىسى. ئۇ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىش ۋە مالىيە كىرىم - چىقىمى تەڭپۇڭسىز بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى.

بىپايان غەربىي جەنۇبنىڭ ئىچكىرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا 1950 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1952 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاندى. بۇ تۆمۈريول چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ياساشقا تەييارلىق كۆرۈلگەن سىچۇەن - خەنكوۋ تۆمۈريولىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، يېرىم ئەسىرگە يېقىن كەينىگە سۈرۈلۈپ بىر تالمۇ رېلىس ياتقۇزۇلمىدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پەقەت ئىككى يىلدىلا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.

يېڭى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ياسىغان بۇ بىرىنچى تۆمۈريول دەل ئاشۇ قايناق قۇرۇلۇش يىللىرىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ جاپالىق كۈرەش قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى.

يېزا ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلق ئىگىلىكىنىڭ بارلىق تارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئۈچ يىلدا، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە سالغان سېلىنمىسى يىلمۇيىل ئاشتى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىراجىتى مەملىكەت بويىچە خامچوت ئىچىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنما ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %10تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1949 - يىلىدىكى 113 مىليون 184 مىڭ توننىدىن كۆپىيىپ 1952 - يىلى 163 مىليون 931 مىڭ توننىغا يېتىپ، %44.8 ئېشىپ، تارىختىكى يىللىق ھوسۇل ئەڭ يۇقىرى بولغان 1936 - يىلىدىكىدىن %9.3 ئاشتى.

سانائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كان، پولات - تۆمۈر، ئېنېرگىيە، ماشىنا ياسىمىچىلىقى ۋە ئاساسلىق خىمىيە سانائىتىگە قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە توقۇمىچىلىق ۋە باشقا يېنىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە ئاشۇرۇلدى. 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پولات، چويۇن، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر، خام نېفىت، سېمونت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىردەك تارىختىكى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. پاختا يىپ، پاختا رەخت، ئىشلەنمىگەن يىرىك تۇز، شېكەر قاتارلىق يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى.

قاتناش - تىرانسپورت كەسپىمۇ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى. ئۈچ يىلدا، دۆلەت قاتناش - تىرانسپورت كەسپىگە جەمئىي 1 مىليارد 770 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەت ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنما ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %22.6ىنى ئىگىلىدى. تۆمۈريول جەھەتتە، ئەسلىدىكى تۆمۈريول تورى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 80 مىڭ 700 كىلومېتىردىن كۆپىيىپ 126 مىڭ 700 كىلومېتىرغا يەتتى. يېڭى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىمۇ 1950 - يىلى 7 -، 8 - ئايلاردا ئېچىلدى.

ئۈچ يىلدىن ئارتۇق جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان خەلق ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەم دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. 1952 - يىلى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى. خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، 1952 - يىلىنى 1949 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %70 ئۆستى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى %30تىن كۆپرەك ئاشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي جەھەتتىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىش، خەلق ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى تۇراقلاشتۇرۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېپيېڭى دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۆلەتنىڭ يېڭى دېموكراتىزم ئارقىلىق پۇختا قەدەم بىلەن سوتسىيالىزمغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ خۇاڭچيەن - تۇڭگۇەنيى ۋوگزالى رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. 70 نەچچە ياشلىق بۇ «پولات - تۆمۈر تومۇرى» يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.

چاق توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، خۇددى زامان ھالقىغاندەك، يېڭى جۇڭگونىڭ گۈللىنىشكە، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ماڭغان شانلىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.