□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە.»
شەيئىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشەنگەندىلا، كەلگۈسى يۆنىلىش ۋە نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «نېمە ئۈچۈن قابىل» دېگەن سۆزنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرىنى ئالتە جەھەتتىن چوڭقۇر ئېچىپ بەردى: قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى؛ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى؛ تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىدى؛ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلىدى؛ ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىدىيەۋى قورال، پۇختا ئاساس، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقتىن تارىخىي ئاڭلىقلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، ئۆز قۇرۇلۇشىغىچە، بۇ ئېسىل ئالاھىدىلىكلەر پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈلگەن، يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىشىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچ، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى غەلىبە قازىنىش يولى.
بۇ ئېسىل ئالاھىدىلىكلەر پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشتەك روشەن خىسلىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيە ۋە سىياسىي كۈچلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توپلىغان مەنىۋى بايلىقى، پارتىيەمىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى، پارتىيەمىزنىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىدىكى غەلىبە قازىنىش ئەڭگۈشتەرى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى ئىشەنچ تىرىكى. بىز يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرى تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇردى. دەۋر ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىر ئىمتىھان سوئالى ئالدىدا، تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېتىقادىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشتى، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى.
ئېسىل ئالاھىدىلىكلەر ھەربىر كوممۇنىستنىڭ ۋۇجۇدىدا نۇر بولۇپ چاقنىدى. بىر ئۆمۈر ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغان ئوقاس سۈلەيمەندىن دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى چارلىغان «تىرىك چېگرا تېشى» ۋېي دېيوۋغىچە؛ يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەن مەمەتجان ئۆمەردىن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، يۇرتداشلارنى «تاتلىق سۇ» ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ليۇ خۇغىچە، يەنە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ياخشى كادىر خې جياۋلۇڭغىچە... شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تايىنىدىغان تايانچ ۋە تۈۋرۈك، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەل جان - دىل بىلەن خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان كىشىلەر، دەل بۇ دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر.
بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. «نېمە ئۈچۈن قابىل» دېگەننى چۈشىنىش ھەربىر پارتىيە ئەزاسىغا نىسبەتەن ئىلھام ۋە مەدەت، شۇنداقلا بارلىق كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن چاقىرىق ۋە تۈرتكە. بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. بىز ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا قىزىل يىلتىزنى ھېس قىلىپ، غەلىبىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى پۈتەيلى.






