تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ، يېڭى دەۋردىكى بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشكە، تېخىمۇ قەتئىي ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

105 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، ھەيۋەتلىك بولدى. ھالبۇكى، ئۇلۇغ تارىخىي داستان خارابلىشىش، خازان بولۇش مەنزىرىسىدىن باشلانغانىدى.

1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۆلەت ئار - نومۇستا قالدى، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قوندى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز كۈلپەتكە ئۇچرىدى. كۆپلىگەن يۇقىرى - تۆۋەن ئىزدىنىش، كۆپلىگەن ئۇلۇغۋار غايىلەر ئەمەلگە ئاشمىدى!

«جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش». شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى بار بولدى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە تولغان، نامرات ھەم ئاجىز جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىش باشلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى جاپالىق، لېكىن ئارقىغا قايتمايدىغان ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندى.

105 يىل بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. «جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى» «ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى» «دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى» «قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ تارىخىي نەزەر بىلەن، پارتىيەمىز 105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بەش جەھەتتىن چوڭقۇر يەكۈنلىدى.

بۇ بەش جەھەتتىكى يەكۈندە، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتى، ماركسىزم، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ماركسىزم، دۇنيا سوتسىيالىزمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇناسىۋىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى تۇتاشتۇرۇلدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يول ئەڭ تۈپ مەسىلە.

پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان ۋە چىڭ تۇرغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.

105 يىلدىن بۇيان، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ۋە يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان ۋە چىڭ تۇرغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر توغرا يول بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى يېڭى يولنى ئاچتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. «بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يولىمىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇقەررەر يول.»

مۇشۇ يولنى بويلاپ، بىز «نەچچە ئون يىلدا نەچچە يۈز يىللىق» ۋاقىت بوشلۇقىنى تارايتىش داۋامىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ياراتتۇق، نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىز «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبىگە پۈكۈپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يېڭى زور نەتىجىسى، دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش يولىنى كېڭەيتتى، پارتىيەمىز تەرەققىي قىلىپ زور دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە تۆھپىسى تارىخىي خاراكتېرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى خاراكتېرىگە ئىگە. چەت ئەللىك ئالىملار مۇنداق قارىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىزدىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش تارىخىغا شەرقنىڭ جانلىق ئىزاھاتىنى قالدۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتقا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق شانلىق تارىخى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك.» يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتساق، بىز چوقۇم يېڭى ئەلا جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ، يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.