تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پولات لىم ئارىسىغا گۈل كەشتىلەش، تونېل ئىچىدە قېزىپ ئىلگىرىلەش

—— تومۇزدىكى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى توغرىسىدا بايان

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

7 - ئايدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. ھەرقايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. كەڭ قۇرۇلۇشچىلار قۇرۇلۇش قىلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق داۋاملىق كۈرەش قىلىش بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» دېيىلدى)دا كەپشەر ئۇچقۇنلىرى چاچراپ، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

ئۆزلۈكىدىن ئاقىدىغان سۇ چىقىرىش تەشمىسىدە، جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى فېڭ شۇبياۋ تېخنىك خادىملارنى باشلاپ تەپسىلىي بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، چاك - يېرىق، سۇ چىقىش مىقدارى ۋە قورشىما جىنس پارامېتىرىنى سېلىشتۇرۇپ، «توجياڭ ناملىق» TBM (قاتتىق تاغ جىنسلىرىنى قېزىش ماشىنىسى)نىڭ بىخەتەر قېزىشى ئۈچۈن، «يەر ئاستى يول ئەھۋالى»نى ئېنىقلىدى. كۇلەي ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلۇش «توسالغۇسى» ئالدىدا، فېڭ شۇبياۋ كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتا - قايتا چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىللەپ، تىغ دەستىسى ئارقىلىق كېڭەيتىپ قېزىش، ئالدىن لاي سېلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىشنى قاراتمىلىق ھالدا تاماملاپ، پولات جازىنى جىددىي قوغداش، رايونلارغا ئايرىپ سۇ تارتىش - چىقىرىۋېتىش، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تىندۇرۇش يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى ماس قەدەمدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۈزۈلمە قاتلامدىكى پارچىلىنىپ كەتكەن بەلباغنى TBM ئارقىلىق بىخەتەر قېزىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.

S12 ئىدىقۇت (تۇرپان) - توقسۇن - بالغۇنتاي تاشيولى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. ئالغۇ 3 - نومۇرلۇق تونېلى بۇ تۈردىكى ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇش بولۇپ، يېقىندا تەشمە تېمىنى بېتون قۇيۇپ مۇستەھكەملەش مەشغۇلاتى باشلاندى، يەككە قېتىملىق بېتون مىقدارى 150 كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، جەزمەن ئۈزۈلدۈرمەي قۇرۇلۇش قىلىشقا توغرا كېلەتتى. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كۈن نۇرىدا تاختىپەرنىڭ پولات تاياقچىلىرى قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنغا توختايتتى. جۇڭگو قاتنىشى 1 - تاشيول قاتناش ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىدىقۇت - توقسۇن - بالغۇنتاي تاشيولى 5 - بۆلىكى ئىش رايونىنىڭ مۇدىرى دوۋ چياڭ پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ نەق مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنى تاختىپەرگە ئۈزلۈكسىز سۇ پۈركۈپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر سائەتتە نۆۋەت بىلەن مەشغۇلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى بېيچېڭ خەلقئارا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شەھەرچىسىنىڭ 2 - قارارلىق تۈرى نەق مەيدانىدا، نەچچە يۈز قۇرۇلۇشچى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتتى. 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ پولات قۇرۇلمىسىنىڭ چات ئارىسى چوڭ، توغرىلىق دەرىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلۇش قوش خىرىسقا دۇچ كەلدى. تۈر مەسئۇلى لى شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: تۈر بۆلۈمىمىز ئالتە نەپەر پارتىيە ئەزاسى، تايانچتىن تەشكىللەنگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئاۋانگارت ئەترىتىنى تېزلىكتە قۇرۇپ، چات ئارىسى چوڭ پولات قۇرۇلمىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خۇددى «گۈل كەشتىلىگەن»دەك ھەربىر پولات لىمنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشتىكى توغرىلىق دەرىجىسىنى مىللىمېتىر دەرىجىسىدە كونترول قىلدۇق. بىخەتەرلىك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدە پولات قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسىنى ئەسلىدىكى پىلاندىن 12 كۈن بۇرۇن تاماملىدۇق.

ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تۇتۇش

تومۇزدىكى تۇرپان قاتتىق ئىسسىپ كەتتى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل - تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ 9 - بۆلىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ بۆلەك قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئىلگىرىلەش سۈرئىتى %98.8كە يېتىپ، قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، جۇڭگو تۆمۈريولى 1 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل - تۇيۇق تۈرى 9 - بۆلىكىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شيەنجۈن كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇردى: «قالغان قۇرۇلۇش مىقدارى كۆپ ئەمەس، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، تىرىشىپ قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق تاماملايلى.»

ياز كىرگەندىن بۇيان، ليۇ شيەنجۈن ھەر كۈنى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئىش ئورنىغا بېرىپ، ئالدىن كۆمۈلگەن زاپچاسلارنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ، رېشاتكىنىڭ شەكلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ھەربىر ئىش تەرتىپىنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، قومۇل - تۇيۇق تۈرىنىڭ 9 - بۆلەك يول يۈزى قۇرۇلۇشىدا يېيىتىش تولۇق تاماملاندى، قالغان قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىخەنزە شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا نەچچە مىنۇتتىلا تەرلىگەنلىكتىن كىيىملەر ھۆل بولۇپ كېتەتتى. جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىخەنزە يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، تۈر بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى لى ۋېي ھەرقايسى مەشغۇلات رايونلىرىنى ئارىلاپ، يۇقىرى بوشلۇقتا قۇرۇلۇش قىلىش، ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، گىرۋەكنى مۇداپىئە قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق نۇقتا، ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، بۆلەكلەر بويىچە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا بەلگە قويدى. لى ۋېي مۇنداق دېدى: «تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر، مەشغۇلات دائىرىسى كەڭ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كۈچلۈك ئاپتاپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلىش، ئۆتكۈنچى شامالنىڭ تەۋرىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل خەۋپ - خەتەر گىرەلىشىپ، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىنتايىن ئېغىر سىناق ئېلىپ كەلدى.» يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لى ۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئاقىل قۇرۇلۇش ئورنى سۇپىسىغا تايىنىپ، قائىدىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش، شامال كۈچى تېمپېراتۇرىسىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، مۇنار ماشىنىسى كۆرەلەيدىغان بولۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئاقىل قۇرۇلۇش ئورنى سانلىق مەلۇمات تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى يېپىق ھالقىسمان نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈر لىنىيەسىدە تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىشانىغا ئاتلىنىپ، تۈرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە، قەرەلىدە پۈتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

«سالقىنداش كۈنلۈكى»گە تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش

جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپلىگەن قۇرۇلۇش رايونى چۆللۈككە جايلاشقان. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا، بۇ تۈردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى غەمخورلۇققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ھەرقايسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرى مەشغۇلاتچىلارغا ماش شورپىسى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دورىسى، تاۋۇز، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىپ بەردى؛ قۇرۇلۇش بەنىنىڭ قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، چىڭقى چۈشتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋاقىت بۆلىكىدىن ساقلىنىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي مەشغۇلات قىلىش؛ ھەر كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا بىخەتەرلىكىنى چۈشەندۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى دائىملىق تەشۋىق قىلىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى.

G3033 كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۈندۈزى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھاۋا ئىسسىق، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولىدۇ. شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرىنچى سەپتىكى خادىملارغا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كىيىمى، خوشياڭ جېڭچىشۇي قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەپ بەردى، تۈرنىڭ ھەرقايسى قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدا يۆتكىگىلى بولىدىغان سايىۋەن ياساپ، «ئەتىگەندە بالدۇرراق، چۈشتىن كېيىن ۋاقچىراق ئىشقا چىقىش، ئارىلىقتا دەم ئېلىش»تىن ئىبارەت يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي مەشغۇلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم نەق مەيداندا كۆچمە ئىچىملىك سۇ نۇقتىسى ۋە داۋالاش پونكىتى تەسىس قىلىپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىمە قوغدىدى. كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى توپا - تاش قۇرۇلۇشى 4 - بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشچىسى جاڭ ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك تىنچ - ئامان قۇرۇلۇش قىلسا، كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولىدۇ.»

ياز كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىجىل داۋاملىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ - مارالبېشى بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈستى ئوچۇق قۇرۇلۇش مەيدانى قاتتىق ئىسسىپ كەتتى. جۇڭگو تۆمۈريولى 15 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ - مارالبېشى تۈرى 2 S بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىڭ لىچۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كۈچلۈك ئاپتاپ، كىشىلەرگە ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈر بۆلۈمىمىز قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەشغۇلات نۆۋەتچىلىكىنى ئىلمىي تەڭشەپ، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنى دائىملىق سۇ چېچىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۈن نۇرىنى توسۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلايدىغان ئۇسسۇلۇق بىلەن پۈتۈن كۈن تەمىنلەپ، بىخەتەر نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلىدى. پۈتۈن كۈچ بىلەن بىرىنچى سەپتىكى قۇرۇلۇشچىلار ئۈچۈن «سالقىنداش كۈنلۈكى» بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.