تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز تەرەققىي قىلىپ زور دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ.

«تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى.» 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېنياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۇچانىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، كادىرلار بىلەن ئامما قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلغان كۈسەن تار كوچىسى مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر مىسال بولۇپ تاللاندى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى، 2025 - يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى يىلمۇيىل غەربىي قىسىمدىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر تىزىملىكىگە كىردى. كۇچا شەھىرى دىققەتنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىي شەھىرى بولۇش ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسى مۇجى كەنتىدە، كىشىلەر تەرىپىدىن يېقىملىق ھالدا «پارتىيە ئىزنىكى تاقىغان تاغا» دەپ ئاتالغان ئابدۇجاپپار مېڭدې، پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكى بىر مەسئۇلىيەت. ئاساسىي قاتلامدىكى بىر چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چېگرانىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرادىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەربىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزىمەن.

قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت قادىر ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى يەنىمۇ چىڭ ساقلاپ، ياخشى كۆۋرۈك - ۋاسىتە بولۇپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى مۇجەسسەملەپ، تەشكىلىي كۈچ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى ئۈنۈملۈك ھالدا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز.»

قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئىجادىي ھەل قىلدى. «باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. بىز نېفىت شەھەر رايونىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي رېڭىنى چىڭ ساقلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، تۈزەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلار، بالىلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلىك تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى بۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ نا.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەسسىلەپ روھلاندىم، ئىدىيە جەھەتتە چوڭقۇر تاۋلاندىم.» جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئىجىلىن مودۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى مۇساپىدە، مەن پارتىيەگە سادىق بولۇش، قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئۆز مەقسىتىمنى چىڭ ساقلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلىرىنى ئەمەلىي ھەل قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.»

ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئالىمىز

«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! باش شۇجى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن <ئۈچ جەزمەن>نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.» تۇرپان شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىدىن ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ ئىشلەشتە.» غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام بازىرى تۆۋەنكىئون كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇنىرە خالىق مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشات بولدى، قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئىناق بولدى، بۇ ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلدى.» كېيىنكى قەدەمدە، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەرەققىيات - ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسى (سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى شياڭ مىڭچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە مۇستەھكەم ئېتىقاد - ئەقىدە ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت كەسپىنى تىرەك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.»

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، پەرىزات ئابدۇل، چېن جياڭلىن، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار فېي رۇي، جياڭ تىڭتىڭ، ئاجارگۈل نۇربولات، چېن شىڭياڭ، خۇ لىجېڭ، ليۇ خۇڭجى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.