تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى»

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (1)

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، ۋاڭ زىمىڭ، شۈ جۇاڭ

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى بىلەن، پارتىيەمىز 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

105 يىل قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللار، 105 يىل بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

بۇ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە تېز يۈكسىلىشى −

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق.

ئۇزاقتىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «پۇقرالار بەكمۇ جاپا چەكتى، ئەمدى خاتىرجەم ياشايدىغان چاغ يېتىپ كەلدى» دېگەن قەدىمىي شېئىر تارىختىن ھالقىپ رېئاللىققا ئايلاندى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت تارىخىي ئابىدىسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قەد كۆتۈردى.

«800 مىليون كىشى تويغۇچە تاماق يېيەلمەسلىك»تىن «1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياخشى يېيەلەيدىغان بولۇش»قىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئۇزىراپ 79 ياشتىن ئاشتى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە بولغان تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تولۇق، ئۈچ ۋاق تاماق مول بولدى، بايلىق مول، خەلق باياشات بولۇپ، ھەممە ئائىلە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى. «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش» ئارزۇسى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندى.

بۇ، سالاھىيەت، ئورۇننىڭ چوڭقۇر قايتا يارىتىلىشى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان - ئاشمىغانلىقىدا.

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جاھانگىرلارنىڭ بۆلۈپ پارچىلىشىغا ئۇچرىدى، فېئودالىزمنىڭ قاتمۇقات كىشەنلىرى ئاستىدا قالدى، بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن بۇلاپ - تالىشىغا ئۇچرىدى، جۇڭگو خەلقى ئۈچ چوڭ تاغنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا «قۇل بولۇش، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىش، بوزەك قىلىنىش»قا ئۇچراپ، تىزلىنىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ھايات كەچۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

ئۆزگىرىش قىزىل كېمىنىڭ يولغا چىقىشىدىن باشلاندى. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى. جۇڭگو خەلقى بوزەك قىلىنىش، ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى كېڭەيتىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەردە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلدى، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى، خەلقنىڭ ئىجادچانلىقى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتىلدى.

بۈگۈنكى جۇڭگودا، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى ۋە مۇكەممەللەشتى، خەلق قانۇن بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

بۇ، روھىي ھالەت جەھەتتىكى كۆتۈرەڭگۈلۈك ۋە قەددىنى تىك تۇتۇش −

«70 - يىللاردا، 80 - يىللاردا، 90 - يىللاردا، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار، ئۇلار سىرتقا چىقىپ دۇنياغا نەزەر سېلىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قارايدىغان بولدى»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2021 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان بۇ سۆزى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىدە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

«دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قاراش»قا مۇجەسسەملەنگەن «بۈگۈنكى جۇڭگو تۈنۈگۈنكى جۇڭگو ئەمەس» دېگەن ئۇلۇغۋار ئىرادە، جۇشقۇن ھېسسىيات يېڭى دەۋردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى خىسلىتىنىڭ جانلىق تەسۋىرىگە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق.»

100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ كونا جۇڭگونىڭ «جابدۇق قوراللار ئارقىدا قېلىش» «تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىدا قېلىش» «ئىدىيە، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىش»تەك ئۆزىنى كەمسىتىشىدىن يېڭى دەۋردىكى «يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى»گىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«200 يىل ياشاشقا ئىشەنچىم تۇرسا يانا، 3000 چاقىرىم سۇ ئۈزۈش ھېچ گەپ ئەمەستۇر ماڭا.» تارىخىي مۇساپىدە توپلانغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە تولۇق قوزغىتىلغاندا، جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى پۈتمەكتە.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكەندەك: «بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان قىياپەتتە مەردانە قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانماقتا.»

مەردانە قەدەم بىلەن گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتا، ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى.

2022 - يىلى يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جىمى يورۇقلۇق ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. كارخانا مەسئۇلىنىڭ «ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش» ئىرادىسىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللاپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ياخشى، مۇشۇنداق ئىرادە بولۇشى كېرەك!»

ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، تىرىشقاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!

شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشتا، «ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق» دېگەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، «قەتئىي ئىرادە بولسىلا، ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ» دېگەن ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارنى بىر - بىرلەپ بويسۇندۇرۇپ، غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىش كېرەك.

مەردانە قەدەم بىلەن گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانغاندا، جاسارىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

105 يىللىق پارتىيە تارىخى دەل ئېتىقادى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان، ئۆزىدىن ھالقىغان بىر كۈرەش تارىخى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، بىز دۇچ كېلىدىغان زور كۈرەش كۆپ بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلماي، تەۋرەنمەستىن تۇرىمىز بىز خۇددى مەزمۇت چوققىدەك. كۈرەش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى، پەزىلىتىنى سىجىل تاۋلاپ، رەزىللىكتىن قورقماي، ياماندىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشىمىز، ئارتۇقچىلىقىمىزنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

مەردانە قەدەم بىلەن گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

«1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن، بۇ، يېڭى مۇساپىدە 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

نەزەرىيە كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن نىشان ئېنىق بولىدۇ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدۇ، ئىشەنچ تولۇپ تاشىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولغان، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەن پارتىيە جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئاڭلىقلىقنى ھازىرلىغان بولىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئارقىغا يانمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشەنچى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ زور ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن كەلگەن. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا تايانچ، تۇراقلاشتۇرغۇچ، نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ بولغاچقا، بىز ھەرقانچە زور دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنغا دۈچ كەلسەكمۇ تەمكىن تۇرالايمىز، ئىشەنچىمىز مۇستەھكەم.

يېڭى دەۋر كەڭ بوشلۇققا، چەكسىز پۇرسەتكە ئىگە، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى سىجىل پۈتۈپ چىقايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.