تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، كۈچ مەنبەسى، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەقسىتى. مەيلى يەرلىكتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بولسۇن ياكى مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مول نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاساسىي قاتلام دېگەن نېمە، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككىلى، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 287 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 1983 - يىلى 4 - ئايدىن 2026 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 190 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.