بىز ھەر كۈنى سۆزلەيمىز، سۆزلەش سۈرئىتىمىزنىڭ تېز-ئاستىلىقى، ئىنتوناتسىيەرىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئادەت سۆزىمىزنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىمىز، ئورگانىزملىرىمىزنىڭ ئىقتىدار ھالىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قىلىۋاتقان سۆزلىرىمىزدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنىڭ تۆۋەنلىشى، بىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ چېكىنىشى، بەدىنىمىزنىڭ ئاغرىشى، پۇت-قوللىرىمىزنىڭ بىئارام بولۇشى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بالدۇر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئېغىر بولغان ئەزا كېسەللىكلىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىشى مۇمكىن.

«生命时报»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






