تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بۇ مەنزىرە رايونىدا «بىر قېتىم بېلەت سېتىۋالسا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز ساياھەت قىلىش» يولغا قويۇلىدۇ!

يېقىندا

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدىكى

كېڭسىۋات لەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى

كىرىش بېلىتى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

بۇ مەنزىرە رايونى

7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ

كىرىش بېلىتىنى باشقۇرۇشتا «بىر قېتىم بېلەت سېتىۋالسا، ئۆمۈرلۈك ھەقسىز ساياھەت قىلىش»نى

 شۇنىڭ بىلەن بىللە

  خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە كۆپ تۈردىكى پاراۋانلىقنى ماس قەدەمدە يولغا قويىدۇ

كونكرېت تۆۋەندىكىچە

 كىرىش بېلىتى باھاسى 

    7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، كېڭسىۋات لەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، بېلەت باھاسى: 20 يۈەن\ئادەم قېتىم.

    كىرىش بېلىتىدە بىر ئادەمگە بىر بېلەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، كىرىش بېلىتى شۇ كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ساياھەتچىلەر كۈچكە ئىگە كىملىكى ئارقىلىق 【مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى】 ھەم 【باشقۇرغۇچى تەرەپ ھوقۇق بەرگەن تور سۇپىسى】دا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

   كىرىش بېلىتى كىرىمى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك كاپالىتى ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

 بىر قېتىم بېلەت سېتىۋالسا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز ساياھەت قىلىدۇ 

   كېڭسىۋات لەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر جەزمەن ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت نۇقتىسىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرى ھەم چىراي ئۇچۇرىنى توپلاش-كىرگۈزۈشنى تاماملىشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 【كېڭسىۋات لەنخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىغا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز كىرىش سالاھىيىتى】گە  ئېرىشىدۇ.

   بېجىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىغا قايتا كىرگەندە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىش ھاجەتسىز، پەقەت چىراي تونۇتسىلا مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ. مەنزىرە رايونىغا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز كىرىش سالاھىيىتىنى پەقەت بېلەت سېتىۋالغان كىشى ئۆزى ئىشلىتەلەيدۇ، ئارىيەت بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە سېتىشقا بولمايدۇ.

   مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى شىفىرلاشتۇرۇپ ساقلاش، مەخسۇس خادىم باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بۇ پەقەت مەنزىرە رايونىغا كىرىش تەكشۈرۈشىدە ئىشلىتىلىدۇ، سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.

   دۆلەت بەلگىلىگەن بېلەت كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئەگەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇچۇر توپلاش-كىرگۈزۈشنى تاماملىسا، مەنزىرە رايونىغا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز كىرىش سالاھىيىتىنى بېجىرەلەيدۇ.

  كىرىش بېلىتىنى تولۇق سومما بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ 

   كەڭ ساياھەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىش بېلىتىنى تولۇق سومما بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش پاراۋانلىقىنى يولغا قويدى.

   مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر شۇ كۈندىكى كۈچكە ئىگە كىرىش بېلىتىگە ئاساسەن، مەنزىرە رايونى تىجارەت تۈرلىرىنىڭ خىراجىتىنى بىر قېتىم تولۇق سومما بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن سومما كىرىش بېلىتىنىڭ پۇل قىممىتىنى يۇقىرى چەك قىلىدۇ، يەنى【ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يۈەن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ】.

   توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدىغان تۈرلەر:

   لەنخۇ كۆلى ئاسما يولى؛

   يۈز چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە يولىدىكى 1-چوڭ ئەينەك كۆۋرۈك؛

   لەنخۇ كۆلى قەھۋەخانىسىنىڭ تاۋارلىرى؛

    تىك يار ئىلەڭگۈچ تۈرى؛

   لەنخۇ كۆلى ئاسما يولى+يۈز چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە يولىدىكى 1-چوڭ ئەينەك كۆۋرۈك تۈرىنىڭ يۈرۈشلۈك بېلىتى.

   يۇقىرىقى تۈرلەردىن خالىغان بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

   كىرىش بېلىتىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش مۇلازىمىتىنى بېلەت سېتىۋالغان كىشى پەقەت شۇ كۈنىلا ئىشلىتەلەيدۇ، نەق پۇلغا سۇندۇرۇلمايدۇ، پارچە پۇل قايتۇرۇلمايدۇ، قايتا-قايتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر تاللىغان تۈرنىڭ باھاسى كىرىش بېلىتىنىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن بولسا، پەرق سوممىسى قايتۇرۇلمايدۇ؛ ئەگەر كىرىش بېلىتىنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولسا، ساياھەتچىلەر باھا پەرقىنى تولۇقلىشى كېرەك.

   كىرىش بېلىتىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتى بىلەن مەنزىرە رايونىغا ئۆمۈرلۈك ھەقسىز كىرىش سالاھىيىتىدىن ماس قەدەمدە بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئۆزئارا توقۇنۇشمايدۇ.

 ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئېتىبار سىياسەتلەر 

   مەنزىرە رايونى ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى ئېلىپ بېرىپ، مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرسىتىشى كېرەك، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماس ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

   يېرىم باھالىق ئېتىبار:

    60 ياش (60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن 64 ياشقىچە بولغان ياشانغانلار كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

    بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن ئاشىدىغان، 18 ياش (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن كىچىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

    پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى داشۆ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

    ئالتە خىلدىكى 4-دەرىجىلىك مېيىپلەر كۈچكە ئىگە مېيىپلىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

بېلەت كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىشىلەر توپى:

   ● ئالتە ياش (ئالتە ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن كىچىك ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلار؛

   ● 65 ياش (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن ئاشقان ياشانغانلار ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

   ● خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مۇناسىپ كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

   ● 1-دەرىجىلىكتىن 3-دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپلەر مۇناسىپ كۈچكە ئىگە مېيىپلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

   ● ئۆمەك باشلاپ ماڭغان ساياھەت يېتەكچىسى، كىنىشكىسى بار مۇخبىرلار، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى مۇناسىپ كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛

   ● ماناس ناھىيەسىنىڭ بازار-يېزىلىرىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەر مۇناسىپ كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى كۆسىتىشى كېرەك.

ئېتىبارلار ناھايىتى كۆپ

كۆپچىلىك تېز كېلىپ داكا قىلىڭلار!

 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.