تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

خىزمەت ئىزدەشتە چېگرا سىرتىدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت بىلەن ئازدۇرۇش قىلتىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

  تۇزاق: «چەت ئەلگە چىقىپ خىزمەت قىلسىڭىز، جاپا تارتمايلا ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايسىز»، «يول كىراسىنى پۈتۈنلەي ھۆددىگە ئالىمىز، ياتاق ھەقسىز، پىرسەنت بويىچە يۇقىرى سوممىلىق پايدا ئايرىپ بېرىمىز»، «باشقا دۆلەتكە بارسىڭىز كۆپ پۇل تاپىسىز» ... بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى چېگرا سىرتىدىكى «يۇقىرى مائاش»لىق خىزمەت دەپ بېزەپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازدۇرۇپ قارماققا ئىلىندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالداپ چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلدۇرۇشى مۇمكىن، ئۇلار قانۇنسىز قاماپ قويۇلۇش، خورلىنىش قاتارلىق جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن.

 دىققەت! خىزمەت ئىزدىگەندە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە مۇنتىزىم بازار ۋاسىتىچى ئاپپاراتىنى تاللاش كېرەك. چېگرا سىرتىدا ئىشلەش مۇددىئاسى بارلار چوقۇم شىركەتنىڭ تاشقى ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلىق تىجارەت سالاھىيىتى ھەمدە شۇ ساھەنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنى ئالدىن تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەگەر «كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تەكلىپى»، «تۇيۇقسىز چېگرا سىرتىغا ساياھەتكە چىقىش ياكى تورداشلار بىلەن كۆرۈشۈش» قاتارلىق گۇمانلىق يىپ ئۇچىغا يولۇقسىڭىز، دەرھال 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.