ئادەمنىڭ كۆز ئەتراپىدا بەزىدە ئۇششاق دانچىلار، ئۇششاق مونەكچىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر بۇنى «ياغ دانىچىلىرى» دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ سىقىپ چىقىرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆز ئەتراپىدىكى كىچىك دانچىلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، قارىماققا بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما پەيدا بولۇش سەۋەبى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. كۆز ئەتراپىدىكى تېرە نېپىز، قان تومۇر نېرۋىلىرى زىچ بولۇپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئاسانلا رەڭگى قېنىقلىشىپ كېتىدۇ ياكى تارتۇق قالىدۇ.

«生命时报»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






