
توزاق: بىر قىسىم ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار يۇقىرى مائاشلىق ئىش ئورنى، داڭلىق كارخانىلار ئادەم قوبۇل قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇش، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئازدۇرىدۇ، كېيىن يەنە «خىزمەت ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس»، «ئىش ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى چەكلىمىسى بار» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئىشقا چۈشۈش بويىچە تەربىيەلەش ياكى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئازدۇرۇپ، يۇقىرى سوممىلىق تەربىيەلەش ھەققى ئالىدۇ، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ.
دىققەت! ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش تەننەرخىنى ئادەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەق تۆلەپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھۆددىگە ئېلىش دېگەندەك سۆزلەردىن چوقۇم ھوشيار بولۇش، پۇلنى زىيانغا ئۇچرىتىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.






