
[دېلو ئەھۋالى]
ۋاڭ XX پويىزنىڭ كارىۋاتلىق ۋاگۇنىدا سەپەرگە چىققان، ئوتتۇرا ئورۇندىكى كارىۋاتقا يامىشىپ چىقىۋاتقاندا، كارىۋات رېشاتكىسىنى چىڭ تۇتمىغاچقا، ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كېتىپ، قارشى تەرەپتىكى ئاستىنقى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىگە سوقۇلۇپ زەخىملەنگەن. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، تۆمۈريول شىركىتىنىڭ پويىز خىزمەتچىلىرى دەرھال نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، رادىيو ئارقىلىق دوختۇر ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم ۋاڭ XXكە يېرىم يولدا پويىزدىن چۈشۈپ داۋالىنىش تەكلىپىنى بەرگەن. تەكلىپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ۋاڭ XXنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئۇنى مەنزىلگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويغان ھەم ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىغان.
ئىشتىن كېيىن ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋاڭ xxنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالىنى 10-دەرىجىلىك مېيىپ، دەپ بېكىتكەن. ۋاڭ XX تۆمۈريول شىركىتىنى توشۇغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، مۇناسىپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
[قانۇن ماددىسى]
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 465-ماددىسىدا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختامنى قانۇن قوغدايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختام ئالاقىدارلار ئۈچۈنلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
811-ماددىدا توشۇغۇچى پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ياكى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە يولۇچى، مالنى پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
812-ماددىدا توشۇغۇچى پۈتۈشكىنى ياكى ئادەتتىكى تىرانسپورت لىنىيەسى بويىچە يولۇچى، مالنى پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
823ـ ماددىدا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن تالاپەت يولۇچىنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرى ياكى توشۇغۇچى تالاپەتنىڭ يولۇچىنىڭ قەستەنلىكى، زور سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، دەپ بەلگىلەنگەن.
[قانۇننى سۆزلەش]
سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تۆمۈريول شىركىتى بۇ ئىشنى ۋاڭ XXنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تۆمۈريول تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىغان. ھادىسە يۈزبەرگەندە پويىز سىلىق ماڭغان، شوتىغا يامىشىش، تۇتقۇچ قاتارلىق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا كۆرۈلمىگەن، لايىھەدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ XX يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغاندىن كېيىن، تۆمۈريول شىركىتى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلغان، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، دەپ قارىغان.
«ۋاڭ XX كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، پويىزنىڭ ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، يۈرۈش ھالىتى نورمال، بىخەتەرلىك كەمتۈكلۈكى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار تەشەببۇس قىلغان پويىز ئەسلىھەلىرى لاياقەتسىز بولۇش، مەخسۇس دوختۇر سەپلەش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.» بۇ دېلونى بېجىرگەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى سۈي زېجياڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ XX تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كارىۋاتقا يامىشىپ چىققاندا ئاساسىي بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئۆزىدە ئېغىر سەۋەنلىك مەۋجۇت. تۆمۈريول شىركىتى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى. ئاخىردا سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ۋاڭ XXنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
سۈي زېجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى يولۇچىلارنى توشۇش جەريانىدىكى جىسمانىي زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن زىيانغا ئۇچرىغۇچىدا قەستەنلىك، ئېغىر سەۋەنلىك ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال بولسا، توشۇغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تۆمۈريول توشۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى مۇۋاپىق، چەكلىك بولۇپ، چەكسىز تولۇق كاپالەتلەندۈرمەيدۇ.
سۈي زېجياڭ يولۇچىلارغا سەپەرگە چىقىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئاستى-ئۈستى كارىۋاتلىق پويىز، ئاپتوموبىلدا ماڭغاندا چوقۇم مەزمۇت تۇرۇپ، ئېھتىيات بىلەن ئاستا مېڭىپ، بىخەتەرلىكتە ئېھتىياتچان بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەستەلىكىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.






