تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

قالپاق كىيمەي توكسىكىلىت مىنىپ يارىلانسا، يارىلانغۇچىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بولامدۇ؟

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان بازىسى، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىمىز.

قالپاق كىيمەي توكسىكىلىت مىنىپ يارىلانسا، يارىلانغۇچىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بولامدۇ؟ 

يېڭىسار ناھىيەسى ئاھالىسى يى خانىم: يېقىندا مەن توكسىكىلىت مىنىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر پىكاپ سوقۇۋېتىپ، بېشىم يارىلاندى، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن 7- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلدى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى پىكاپ ئىگىسىنى ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتتى. مۇرەسسە قىلىش باسقۇچىدا، پىكاپ ئىگىسى: مېنى قالپاق كىيمىگەن، بېشىنىڭ يارىلىنىشى ئۆزىنىڭ خاتالىقى، دەپ، مېنىڭ %30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم بولامدۇ؟

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ: سىز يولۇققان بۇ ئەھۋال قاتناش ھادىسىسى تۆلىمى ئىچىدىكى ئىنتايىن تىپىك ئەھۋال. قارشى تەرەپ ھەقىقەتەن تۆلەمنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ھەممىسىنى ئازايتسا بولمايدۇ، ئەگەر سوت تەرتىپىگە كىرسە، سوت مەھكىمىسى خاتالىق نىسبىتى بويىچە ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىشى مۇمكىن.

ئالدى بىلەن، ھادىسە جاۋابكارلىقى بىلەن تۆلەم جاۋابكارلىقى ئىككى ئىش. قاتناش ساقچىسى قارشى تەرەپنىڭ تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، «بۇ ھادىسىنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلغان. لېكىن تۆلەم باسقۇچىدا، سوت مەھكىمىسى يەنە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدە خاتالىقى بار- يوقلۇقى»غا قارايدۇ. مانا بۇ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا بەلگىلەنگەن «سەۋەنلىكنى بالانس قىلىش» پىرىنسىپى − ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر زىياننىڭ يۈز بېرىشى ياكى كېڭىيىپ كېتىشىدە خاتالىقى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، سىزنىڭ قالپاق كىيمەسلىكىڭىز بىلەن باش قىسمىڭىزنىڭ يارىلىنىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر پۇتىڭىز، بىلىكىڭىز يارىلانغان بولۇپ، باش قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا، قالپاق كىيمەسلىك تۆلەم تۆلەشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك، قالپاق كىيمىگەنلىكىڭىز ھەقىقەتەن باش يارىڭىزنىڭ  ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب، سوت مەھكىمىسى سىزنىڭ زىياننىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدە خاتالىقىڭىز بارلىقىنى بېكىتىشى مۇمكىن. لېكىن قارشى تەرەپ سىزنى %30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسۇن دەپتۇ، بۇ نىسبەت بەك يۇقىرى، تەكشۈرگىلى بولىدىغان دېلو مىسالىغا ئاساسلانغاندا %10نى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز مۇمكىن.

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە توكسىكىلىت، موتوسىكلىت مىنىپ سىرتقا چىققاندا چوقۇم قالپاق كىيىۋېلىشنى ئەسكەرتىمىز. بىرىنچىدىن، ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر؛ ئىككىنچىدىن، ناۋادا ھادىسە يۈزبېرىپ قالسا، قارشى تەرەپكە بۇنى باھانە قىلىپ ئۇنى، بۇنى دېيىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.