مەكتەپ فورمىسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپ فورمىسىنى باشقۇرۇشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاش، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، باھاسى مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇردى.
«چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئەتىيازلىق، كۈزلۈك ۋە يازلىق مەكتەپ فورمىسىدىن ھەر بىرسىدىن بىر يۈرۈش سەپلىنىدۇ، قىشلىق مەكتەپ فورمىسى، ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسىغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، جەزمەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئېلىش ئاساسىدا، ئايرىم-ئايرىم زاكاز قىلىپ سېتىۋالسا بولىدۇ، قىشلىق مەكتەپ فورمىسى ۋە ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لەرنىڭ «مەكتەپ فورمىسى تاللا بازىرى» ئۈستىدە ئىزدىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لەر بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى ئاساسىي پاسونى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى قوللانسا بولىدۇ ھەم مەكتەپ فورمىسىنى لايىھەلەش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، «بىر رايون (ناھىيە) بىر پاسون»دىكى مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ، مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە مەكتەپ بەلگىسى ياكى مەكتەپ ئىزنىكى لايىھەلەتسە بولىدۇ.
«چارە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەكتەپ ھەر ئوقۇش يىلىدا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارغا يۈزلىنىپ بىر قېتىم مەكتەپ فورمىسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى، مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى، پاسونى، ئازادىلىك دەرىجىسى، باھاسى ھەم سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىشى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېيىنكى قېتىم مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش توختامىنى داۋاملىق ئىمزالاشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىشى كېرەك.
سېتىۋېلىش ھالقىسىغا قارىتا، «چارە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: تاللاپ سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، «نۇقتا بەلگىلەش» «تاۋار ماركىسىنى بېكىتىش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ سودىغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ، زاپاس تاللاش ئامبىرى، تىزىملىك ئامبىرى، سالاھىيەت ئامبىرى تەسىس قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، مەكتەپ فورمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
سۈپەت باشقۇرۇش-تىزگىنلەش جەھەتتە، مەكتەپلەر مەكتەپ فورمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى، يېڭى تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپەت لاياقەتلىك بەلگىسىنى تەكشۈرۈشى ھەم ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېتىراپ قىلغان، مەكتەپ فورمىسىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى چىقارغان شۇ تۈركۈمدىكى يېڭى تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش لاياقەتلىك دوكلاتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككىنى تەكشۈرۈشكە ئاپىرىش» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئاپىرىشى ئاساسىدا، ھەر بىر تۈركۈم يېڭى سېتىۋالغان مەكتەپ فورمىسى كەلگەندىن كېيىن، چوقۇم ئىختىيارىي ئەۋرىشكە ئېلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك، تەكشۈرۈش مەزمۇنى: فورمالدېگىد مىقدارى، pH قىممىتى، يۇغاندا رەڭ ئۆڭۈپ كەتمەسلىك دەرىجىسى، تەر سۈمۈرۈش-تەر ئۆتكۈزمەسلىك دەرىجىسى (كىسلاتالىق، ئىشقارلىق)، سۈركىلىشتە رەڭ ئۆڭۈپ كەتمەسلىك دەرىجىسى (قۇرۇق، ھۆل)، سوپۇندا يۇغاندا رەڭ ئۆڭۈپ كەتمەسلىك دەرىجىسى، تەركىبىدىكى تالا مىقدارى، پارچىلىنىپ راك پەيدا قىلىدىغان خۇشپۇراقلىق ئاروماتىك ئامىن بوياق ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى كۆپەيتسە بولىدۇ، لېكىن كېرەكلىك خىراجەتنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا چېچىشقا بولمايدۇ.
ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدا «چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەكتەپ فورمىسى خىراجىتىنى مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ۋاكالىتەن ئېلىپ، ۋاكالىتەن چىقىم قىلسا، جەزمەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشقا دائىر ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا ئۆز ئالدىغا ھەق تۆلىسە بولىدۇ، مەكتەپلەر جەزمەن ئاتا-ئانىلارغا مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۇچۇرى، ھەق تاپشۇرۇش يوللىرى ۋە مەكتەپ فورمىسىنىڭ باھاسى، ماتېرىيالى، پاسونى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق كۆرسىتىشى ھەم مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرغان باھاسى بويىچە ھەق ئېلىشىنى، ئۆز مەيلىچە باھا قوشۇشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھەرقانداق شەكىلدە ئارتۇق ھەق ئېلىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىشى كېرەك، ئاتا-ئانىلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، «چارە»دە يەنە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)دىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەم ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ئىچكى جەھەتتە تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش ھەم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ سېتىۋالغان، نازارەت قىلىش كەمچىل بولغان، تەرتىپ ئاشكارا بولمىغانلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەم جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ نازارەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، ئۈستەك ئېلىش، زىياپەت ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، جىنايەت سادىر قىلىشقا چېتىلغانلىرى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.






