تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇب-شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 7-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، جەنۇب-شىمال مۇسابىقە رايونىدىن تاللىنىپ چىققان كوماندىلار بارلىققا كەلدى − جەنۇب مۇسابىقە رايونىدىن: قەشقەر كوماندىسى، تۇرپان كوماندىسى، ئاقسۇ كوماندىسى، خوتەن كوماندىسى؛ شىمالىي مۇسابىقە رايونىدىن: ئىلى كوماندىسى، ئۈرۈمچى كوماندىسى، ئالتاي كوماندىسى، سانجى كوماندىسى. كونكرېت رەت تەرتىپى بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە قەيسەر قاسىمجان كىرگۈزگەن توپ سانجى كوماندىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا كىرىشىگە ياردەم بەردى.    خې لۇڭ فوتوسى

    بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن بۇرۇن، جەنۇب مۇسابىقە رايونى بويىچە بىرىنچىلىك بېكىتىلدى: قەشقەر كوماندىسى بىر ئايلانما مۇسابىقىدىن بۇرۇن گۇرۇپپا بويىچە 1-لىكنى مۇقىملاشتۇردى. خوتەن كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندا قەشقەر كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى شۇنىڭ بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئاخىرىدا، ۋاقىت تولۇقلاش باسقۇچىدىكى 8-مىنۇت ۋە 10-مىنۇتتا كىرگۈزگەن ئىككى توپقا تايىنىپ، خوتەن كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن قەشقەر كوماندىسىنى تەستە يېڭىپ، جەنۇب مۇسابىقە رايونىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىرىش بېلىتىگە ئېرىشتى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقسۇ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 84 مىنۇتتا كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى كوماندىسى بىلەن 1:1 بولۇپ تەڭلەشتى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ كوماندىسى 10 نومۇر، خوتەن كوماندىسى 9 نومۇر، تۇرپان كوماندىسى 8 نومۇر ئالدى. تۇرپان كوماندىسى ئەگەر بۈگۈن كەچتە قومۇل كوماندىسىنى يېڭەلىسە، جەنۇب مۇسابىقە رايونى بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

    7-ئاينىڭ 4-كۈنى، بورتالا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئالتاي كوماندىسى بىلەن 1:1 بولۇپ تەڭلەشتى، بۇمۇ بورتالا كوماندىسىنىڭ ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جەمئىي ئالتە نومۇرغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاخىرىدا، ئالتاي كوماندىسى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جەمئىي توققۇز نومۇر بىلەن شىمال مۇسابىقە رايونى بويىچە 3-ئورۇندا تۇردى، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جەمئىي يەتتە نومۇرغا ئېرىشكەن سانجى كوماندىسى شىمال مۇسابىقە رايونى بويىچە تۆتىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى.

    شىمال مۇسابىقە رايونى بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى قايسى كوماندا بولىدىغاندۇ؟ بۇ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىلى كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە بېكىتىلىدۇ.

    نۆۋەتتە، شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تۇتۇشۇشىدا پەقەت بىر گۇرۇپپىلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بېكىتىلدى: جەنۇب مۇسابىقە رايونى بويىچە 1-بولغان قەشقەر كوماندىسى شىمال مۇسابىقە رايونىدىكى 4-بولغان سانجى كوماندىسى بىلەن ساھىبخانا مەيدان ۋە مېھمان مەيداندا «ھەل قىلغۇچ جەڭ» قىلىدۇ. باشقا ئۈچ گۇرۇپپىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن كەچتە بېكىتىلىدۇ.

    «سانجى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە تولىمۇ تەقەززامەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز مەيدانى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ، نۇرغۇن توپ مەستانىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە جەلپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭيى.

    «كۆپچىلىك نەچچە ئايدىن بۇيان ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا ۋە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتا نەتىجە ھاسىل قىلدى، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىغا قالتىس مۇسابىقىلەرنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى سانجى كوماندىسىنىڭ باش تېرېنېرى جاڭ يې.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.