تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭ ياخشى جاي | گۈزەل شىنجاڭنى بىر كۆرۈپلا مەستخۇش بولىسىز

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى «گۈلىنىڭ ئۆيى» خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش نۇقتىسىدا ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

جاۋ گۇيرۇي فوتوسى

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، «چۇڭچىڭ-قومۇل قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە تەلپۈنۈش» چۇڭچىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە باشلاندى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 80 نەپەر چۇڭچىڭلىق ئوقۇغۇچى ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلىدى.

جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، كېچىلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلماقتا.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، يولۇچىلار Z379 قېتىملىق چۇڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى.

ياڭ كې فوتوسى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

    ياز پەسلىدە شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

    نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تەرتىپلىك ئۇچۇپ-قونۇپ، پويىزلار يىراققا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئايروپورت، ۋوگزال، مەنزىرە رايونلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر كەينى-كەينىدىن كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، ئادىمىيەت پۇرىقى ۋە قويۇق تارىخىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلىدۇ.

    ياز كۈنلىرى شىنجاڭ كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، تۇتاش كەتكەن يايلاقلاردا قاتمۇقات يېشىل دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ، كۆپكۆك كۆللەر سۈزۈك ۋە شۇنچىلىك پاكىز بولۇپ، ئاپئاق مۇز چوققىلار مەرۋايىتتەك يالتىرايدۇ... ھەر خىل مەنزىرىلەر بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ھەيۋەتلىك، جانلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىنى سەيلە قىلغاندا، مىڭ يىللىق يىپەك يولىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بۇ يەرگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي قىياپىتى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ ۋە قەدىمىنى توختىتىشقا ئۈندەيدۇ. شۇ يەردىكى ئامما ھەمراھ بولۇپ ساياھەتكە چىقىپ، يۇرتىنى قانغۇچە سەيلە قىلىشىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى مېھمانلار بۇ گۈزەل جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، تاغ-دەريالاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدۇ، كىشىلەر بۇ يەردە شېئىرىي مەنزىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، قاينام-تاشقىنلىقنى ھېس قىلىدۇ.

    دۇنيا دەرىجىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ساياھەت ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. شىنجاڭدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىپ، «مەدەنىيەت-ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپلەر»، «تۈرلۈك كەسىپلەر + مەدەنىيەت-ساياھەت»تىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك يېڭى كەسىپ ھالىتى ئىجادىي يېتىلدۈرۈلۈپ، پۈتۈن رايون مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى ۋە ئادىمىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى سىجىل نامايان قىلدى.

   ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن رايون مەدەنىيەت-ساياھەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ توپى ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلماقتا. جەلپكارلىققا تولغان بۇ تۇپراق ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە چەكسىز رەڭدارلىقى بىلەن، شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىۋاتقان ھەربىرەيلەنگە قۇچاق ئاچماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.