كەچكى شامال شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى سىيپاپ ئۆتتى، ئاۋاتلىققا تولغان كوچىلار، قويۇق يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەر بازارنى تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. ئوقاس سۈلەيمەننىڭ ئۆيىدە «1-ئىيۇل ئوردېنى» يىللارنىڭ شان-شەرىپىنى يورۇتتى؛ جيەنخۇ كۆلى بويىدا لەرزان ناخشا-ئۇسسۇل ساداسى ياڭراپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كاتتا مەنزىرىسى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى مەدھىيەلەندى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۈتتى، سانجىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سېتىلدى؛ 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، گۈلچىلىك مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇستىكارلارغا خاس ئەپچىل چارىلەر تولۇق نامايان قىلىندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا، تومۇز ئىسسىقتا ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولدى.
چوڭ بازاردا شىر ئۇسسۇلى ئوينالدى
7-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا، بىر مەيدان قالتىس شىر ئۇسسۇلى قىزغىن ئوينىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ھەم شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى بەس-بەستە قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، نۇرغۇن كىشى يان تېلېفون، فوتو ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى، شادلىققا چۆمگەن كەيپىيات ئىچىدە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
ئوردېنغا شان-شەرەپ ئويۇلدى
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ئوقاس سۈلەيمەن چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، خوتۇنى «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى مەيدىسىگە يېنىككىنە چاپلاپ قويدى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ خۇشال كۈلۈشۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئالىي شان-شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندى. ۋاڭ چۇنلىن فوتوسى
كۆل بويىدا ناخشا ئېيتىش
6-ئاينىڭ 30-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۆل بويى مۇزىكا كېچىلىكىدىن زوق ئالدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدىكى جيەنخۇ كۆلىدە نۇر-سايىلەر لەرزان تەۋرىنىپ تۇراتتى، سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ياڭزىجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جيەنخۇ كۆلىدىكى مۇزىكا ساداسى. ناخشا-ئۇسسۇلدىكى خۇشاللىق» كۆل بويى مۇزىكا كېچىلىكى قالتىس ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى مەدھىيەلەندى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك تىراكتور ئىشلەپچىقىرىلدى
6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 400 ئات كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك تىراكتور ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئاستا-ئاستا چىقماقتا. بۇ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تۇنجى يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك تىراكتور بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەشغۇلات سەۋىيەسى يۇقىرى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مۇقىم، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، شىنجاڭدىكى چوڭ ئېتىزلارنىڭ ئېغىر مەشغۇلات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
شەكىللىك ماتېرىياللار ئوتتۇرا ئاسىياغا سېتىلدى
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچىلەر سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىنلۈ ئاليومىن كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاليومىن ماتېرىياللىرىنى پىششىقلىماقتا. بۇ كارخانا يىلىغا 100 مىڭ توننا ئاليومىن ماتېرىيالى، مىليون كىۋادرات مېتىرلىق ئاليومىن يەككە تاختا، 20 مىڭ توننا يورۇقلۇق ۋولت رامكىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ، يېقىنقى يىللاردا ئىككى مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، مەھسۇلاتلىرى بىناكارلىق، سانائەت، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى ھەم قازاقىستاندا تۆت سېتىش شىركىتى تەسىس قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ساتتى. خې لۇڭ فوتوسى
كاتتا يەرمەنكە ئاياغلاشتى
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، كىچىك دوستلار ماشىنا ئادەم بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا. شۇ كۈنى، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاياغلاشتى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەزمە كۆرۈش ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، چۆكۈش شەكلىدە كۆرگەزمىنى ئايلىنىپ مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ئالاھىدە ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى بىر پونكىت شەكلىدە توپلىدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
مەدەت بېرىش
7-ئاينىڭ 4-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى سىرتىدا، توپ مەستانىلىرى كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بەرمەكتە. شۇ كۈنى، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان كۈچ سىنىشىش باشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ساھىبخانا مەيداندا مۇسابىقىلەشكەن خوتەن كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن جەنۇب مۇسابىقە رايونى بويىچە نومۇر تىزىملىكىدە 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان قەشقەر كوماندىسىنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
گۈلچىلىك سەنئىتى ماھارىتى
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ 3-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ گۈلچىلىك سەنئىتى تۈرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار چېۋەر قوللىرى بىلەن گۈلچىلىك سەنئىتى ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
زۇمرەتتەك دولقۇندا كېمە ھەيدەش
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاقسۇ شەھىرى خۇاڭگۇڭخۇ كۆلى قۇملۇق-كۆل ساياھەت-ئىستىراھەت رايونىدا كاتېرغا ئولتۇرۇپ كۆل سەيلىسى قىلىپ، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلماقتا. مەنزىرە رايونىدا كۆل ۋە قۇملۇق مەنزىرىسى تەڭ ھازىرلانغان بولۇپ، ياز كۈنلىرىدە سۇ ئۈستى ئىستىراھىتىدىكى جانلىق كەيپىيات تولۇق نامايان قىلىنىپ، شۇ جايدىكى ئالقىشلىق داكا قىلىپ سالقىندايدىغان جايغا ئايلاندى. ئېزىز سامساق فوتوسى
يولۇچىلار ساياھەتچىگە ئايلاندى
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىدا، يولۇچىلار خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن چۈشمەكتە. بۇ ئايرودۇرۇم ئۈرۈمچىگە بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىشتا توختاش ۋاقتىنى ئۇزارتتى. يولۇچىلار ئايروپىلان ئالمىشىش مەزگىلىدە باركۆلدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى يېرىم كۈن ساياھەت قىلىپ، تەبىئىي شارائىت خاسلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تېرىقچىلىق، پىلىچىلىكنى قوغدىدى
6-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى 10 كىلوۋولتلۇق گۇخەي لىنىيەسىدە توكلۇق تارماق سىمنى ئۇلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. سەي جۈنجيې فوتوسى
(تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى سۈرەتلىك خەۋەر بۆلۈمى)






