تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقسىز ئالدىن كېلىشىپ بېلەت ئېلىش! 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

   7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «پۈتۈن شەھەردىكى مەززىلىك تائاملار بىر جايغا توپلاندى . مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى» باش تېمىسىدىكى 2026-يىللىق شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

   بۇ قېتىمقى مەززىلىك تائاملار كاتتا مەرىكىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتتە 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك سۇپا بايلىقىنى بەرپا قىلىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، بىرىكتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىستېمالنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش، يېمەك-ئىچمەك بازىرىنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئالماشتۇرۇش، سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمالى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سۇپا بەرپا قىلىنىدۇ.

ۋىيشىندا ساۋما قىلىپ ھەقسىز بېلەت ئالغىلى بولىدۇ.    سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەمىنلىگەن

  يۈرۈشلۈك پائالىيەتتە بەش چوڭ يادرولۇق باش تېما مەزمۇنى تەسىس قىلىنىپ، ساھەلەردىكى كەسپىي سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەززىلىك تائاملارنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» توپچىلىرى ھەمتۈرتكە بولۇش، ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش، مەلۇم سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۆزگىچە مەزمۇنلار ماس قەدەمدە يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، يەرلىك خاس يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئېچىلىشىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.

  يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان 2026-يىللىق شىنجاڭ ئاشپەزلەر بايرىمى ۋە ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، پائالىيەت شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 1-نومۇرلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. نەق مەيداندا داڭلىق ئاشپەزلەر بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، كامالەتكە يەتكەن ئاشپەزلىك ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ، تاماشىبىنلار يەنە «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» توپچىلىرىنىڭ توپ ماھارىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن تاماشا قىلىپ، ئېسىل تائاملارنى باھالاپ، ئاشپەزلىك ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك مۇسابىقىسى بىلەن ئىستىراھەت ئىستېمال مەنزىرىسىگە بىر پونكىت شەكلىدە داكا قىلالايدۇ.

   2026-يىللىق شىنجاڭ مىفېن بايرىمى پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، مىفېنجېن (米粉阵)، فېنبازا(粉巴扎)، ۋاڭ شياۋجياڭ(王小疆) قاتارلىق شىنجاڭنىڭ 19 يەرلىك مېفېن ماركىسى توپلىنىپ، ئۆزگىچە مىفېن مەھسۇلاتلىرى نەق مەيداندا پىشۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ؛ 30دىن ئارتۇق خاس يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىش، تېتىپ بېقىشتىن ئىبارەت قوش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  لياڭجىلۇڭ . 2026 شىنجاڭ يېمەكلىك ماتېرىيالى ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى 1-نومۇرلۇق سارايدىن 3-نومۇرلۇق سارايغىچە قاپلىدى، كۆرگەزمە كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 500گە يېقىن يېمەكلىك ماتېرىيالى مەنبە زاۋۇتى توپلىنىپ، 5000 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك ماتىرىيالى تۈرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، مەنبەدىن بىۋاسىتە تەمىنلەش تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، يەرلىك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سودىگەرلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە كەسىپ مۇھاكىمە مەخسۇس مەيدانى تەسىس قىلىندى، خەيخۇڭ خەلقئارا . سوغۇق زەنجىرسىمان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تەرەققىيات يىغىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەك-ئىچمەك يېمەكلىك ماتېرىيالى بازىرى ھەمكارلىق تەرەققىيات يەرمەنكىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر، كارخانا ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتى قوش يۆنىلىشلىك يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ خىللىق بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئۆلچەملەشكەن يېمەكلىك ماتېرىيالى ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىيات ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەمئىيەتكە ھەقسىز ئالدىن كېلىشىپ مەيدانغا كىرىش يولى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىشىك بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىپ ھەقسىز ئېلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24:00كىچە ئىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى ساۋما قىلىپ ئالدىن كېلىشىشنى تاماملىسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.