يېقىندا، بەزى كىشىلەردە قىزىش، گېلى ئاغرىش، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «پەردە ئارقىسىدىكى باش جىنايەتچى» بۇرۇن ۋىرۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلمىدى. 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە بۇرۇن ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىش نىسبىتى ئىزچىل ئاشقان بولۇپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
بۇرۇن ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟ قايسى كىشىلەر ئالاھىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك؟ يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى ↓↓
بۇرۇن ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟
بۇرۇن ۋىرۇسى ئادەم بۇرنى ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل ناھايىتى كىچىك يەككە زەنجىرلىك RNA ۋىرۇسى بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق «باش جىنايەتچى»لەرنىڭ بىرى، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، ئادەتتە يۇقىرىقى نەپەس يولىغا مەركەزلىشىدۇ، قاتتىق قىزىش، پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇرۇن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقا ئېقىش، چۈشكۈرۈش بولۇپ، قىسمەن ئاغرىقلاردا يېنىك دەرىجىدە يۆتىلىش، ئازراق قىزىش ئەگىشىپ كېلىدىكەن. بۇرۇن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن دورا ئىشلەتمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى 7 ~ 5 كۈندىلا ياخشىلىنىدىكەن.
بۇرۇن ۋىرۇسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئاساسلىقى بۇرۇنغا مەركەزلەشكەن؟ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپىيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇستىن 35 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى تېمپېراتۇرىسى بىلەن ماس كېلىدۇ؛ ئۆپكىنىڭ 37 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتى ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە چەكلەيدۇ، شۇڭا يېنىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپىنچە يۇقىرىقى نەپەس يولى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئۆپكىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشى ئىنتايىن ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىككىلەمچى تىپى كۆپ، ئاسان تەكرار يۇقۇملىنىدۇ، نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئىككىلەمچى تىپ 170 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بىر خىل ئىككىلەمچى تىپ بىلەن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان ئانتىتېلا باشقا ئىككىلەمچى تىپقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، بۇمۇ كىشىلەر توپىنىڭ تەكرار زۇكام بولۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەب.
بۇرۇن ۋىرۇسى ئېغىر نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئوڭاي كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تۆت خىل كىشىلەر توپى ئالاھىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تۆت خىل كىشىلەرنىڭ نەپەس يولى مۇداپىئە توسۇقى ئاجىز، بۇرۇن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئەسكەرتتى.
■ بوۋاقلار يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاسانلا كاپىلليارلىق كانايچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مەزگىلگىچە بالىلاردىكى زىققا كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛
■ ياشانغانلار توپى يۇقۇملانغاندىن كېيىن يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ئېغىرلىشىپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛
■ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر، مەسىلەن، ئۆسمىگە قارىتا رادىئياتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان ئاغرىقلار، ئۇزاق مۇددەت ھورمۇن ئىستېمال قىلغان كىشىلەر، تۇغما ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى بارلار يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك جەريانى ئۇزىراپ، ئاسانلا باكتېرىيەدىن ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛
■ زىققا كېسىلى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ئاغرىقلىرى يۇقۇملانسا نەپەس يولى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نەپەس يولى سپازمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىۋاسىتە زىققا كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىنىڭ جىددىي ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك سوزۇلما توسۇلۇش تىپلىق ئۆپكە كېسىلىنىڭ جىددىي ئېغىرلىشىشى بۇرۇن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يۇقىرىقى كىشىلەر توپىدا بۇ خەتەرلىك سىگناللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك: بىرىنچى، ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ قىزىتمىسى يانماسلىق؛ ئىككىنچى، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، نەپەسلىنىش چاستوتىسى تېزلىشىش؛ ئۈچىنچى، ئاغرىقنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسىي كېسىلى ئېغىرلىشىش.
بۇرۇن ۋىرۇسىنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق
مۇنداق تاقابىل تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇرۇن ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدىكەن، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرچە بۇرۇن ۋىرۇسىغا قارىتا ۋىرۇسقا قارشى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق ئىكەن، كىلىنىكىدا كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىش ئاساس قىلىنىدىكەن. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئانتىبىئوتىك ۋە ئاۋستاۋېي قاتارلىق تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى دورىلارنىڭ بۇرۇن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا پۈتۈنلەي ئۈنۈمى بولمايدىكەن، خالىغانچە ئىچىشكە بولمايدىكەن.
بۇرۇن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كۆپرەك ئارام ئېلىش، پات-پات سۇ تولۇقلاش، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش، ئەگەر تۆۋەن قىزىتما بولسا، ئالدى بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئاغرىق ئۆيدە تۇرغاندا، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىش، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايرىم غىزالىنىش، ماسكا تاقاش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
نۇرغۇن بالىلاردا بۇرۇن بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى روشەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنى ئاسانلا ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق بالىلاردىكى بىئارام بولۇشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ئېغىر بولغاندا، كۆپرەك سۇ تولۇقلاپ، نەملىك ئاشۇرغۇچ ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى %50 ~ %60 ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك؛ فىزىئولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى چايقىغاندا، ھەم قىسمەن ۋىرۇسلارنى يوقاتقىلى، ھەم ئوسموس بېسىمىغا تايىنىپ بۇرۇن شىللىق پەردىسى سۇلۇق ئىششىقىنى يېنىكلىتىپ، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.






