تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىدىكى ئالتۇن توغراق دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدا نېلۇپەر گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلدى. چۆل-باياۋاندىكى بوستانلىق بىلەن نېلۇپەر كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت ۋە داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ساياھەت تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى. خاس توغراق-سۇ مەنزىرىسى، ئەلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مۇكەممەل ساياھەت يۈرۈشلۈكىگە تايىنىپ، شۇ جاي ئېكولوگىيە ساياھىتى خاس نام كارتىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە رايونى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.




(ئاپتور: ۋاڭ خۇاشيەن ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






