تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

بېنزىننىڭ ۋاقتى ئۆتەمدۇ؟ يازدا ئاپتوموبىلغا ماينى لىق قاچىلىسا بولامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر جاۋاب بەردى

 «يازدا ئاپتوموبىلغا ماينى لىق قاچىلىسا بولامدۇ؟»

«بېنزىننىڭ ۋاقتى ئۆتەمدۇ؟»

«95-نومۇرلۇق بېنزىن 92-نومۇرلۇق بېنزىنغا قارىغاندا كۆيۈشكە چىداملىقمۇ؟»

… 

   ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ، تومۇز ئىسسىق يېتىپ كەلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتالمىش «ماي قاچىلاشتىكى مەخپىي ئۇسۇل»لارمۇ مەيدانغا كەلدى، ئۇنداقتا، ئۇلار ئىشەنچىلىكمۇ؟

   ■ يازدا ئاپتوموبىلغا ماينى لىق قاچىلىسا بولامدۇ؟

   جۇڭگو نېفىت-نېفىت خىمىيە سانائىتى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى پاكىز يېقىلغۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى جۈ يانا مۇنداق تونۇشتۇردى: بېنزىن ئىسسىقتىن كېڭىيىش، سوغۇقتىن تارىيىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، بېنزىن ئاسانلا پارلىنىدۇ، ماي باكىدا كۆپ مىقداردا ماي گازى پەيدا بولۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى بېسىمنى ئاشۇرىدۇ. ئادەتتە ماي باكىغا بېنزىننىڭ كېڭىيىشى ۋە پارلانغان ماي گازىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك. ئەگەر ماينى بەك لىق قاچىلىغاندا، ماي گازى ۋە كېڭەيگەن بېنزىنغا بوشلۇق قالماي، بېنزىن ئېقىش ۋە گاز چىقىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يازدا ئاپتوموبىلغا ماينى بەك لىق قاچىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

    بېنزىننىڭ ۋاقتى ئۆتەمدۇ؟

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بېنزىننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بېنزىننىڭ ئۇزاق قويۇپ قويۇشقا چىداملىق ياكى چىداملىق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى يېتەكلەش مەزگىلىدىن ئىبارەت بۇ كۆرسەتكۈچكە قاراش كېرەك. بېنزىن تەركىبىدىكى ئولېفىنلار، بولۇپمۇ مىكرو مىقداردىكى دىئولېفىنلار پەۋقۇلئاددە جانلىق بولۇپ، ئاسانلا ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، يېلىملىق ماددا ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ بېنزىننى ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويغاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بېنزىننى قانچە ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇنىڭدا بېنزىن ئۆزىنىڭ تەركىب تېپىش قۇرۇلمىسىغا قاراشقىلا بولمايدۇ، ساقلاش تېمپېراتۇرىسى، ساقلاش مۇھىتى، دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى ھاۋا بېسىمى، يەنە ئاپتوموبىلنىڭ كۈندىلىك يۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارمۇ سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

    95-نومۇرلۇق بېنزىن 92-نومۇرلۇق بېنزىنغا قارىغاندا كۆيۈشكە چىداملىقمۇ؟

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بېنزىنغا قويۇلغان نومۇر يەنى 92-نومۇر، 95-نومۇر، 98-نومۇر ئادەتتە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پارتلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پەن تەتقىقات ئاكادىمىيەسى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشاش سىناش شارائىتىدا، 100 كىلومېتىردىكى ئوتتۇرىچە سەرپىيات 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ 6.462 لېتىر، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ 6.525 لېتىر بولۇپ، ئىككىسىنىڭ سەرپىيات پەرقى ناھايىتى كىچىك، بۇ، توردا تارقالغان «يۇقىرى نومۇرلۇق بېنزىن تېخىمۇ تېجەشلىك» دېگەن سۆزنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

   سۈپەتسىز بېنزىن قاچىلاپ قالسىڭىز جىددىيلەشمەڭ

   ھوقۇق قوغداش ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا دائىر بۇ ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

   ■ ۋەقەگە چېتىلىدىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك

  سۇغۇرتا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ئادەتتە «كۈتۈلمىگەن ھادىسە» ياكى «سوقۇلۇش، ئۆرۈلۈش قاتارلىق ئالاھىدە خەۋپ-خەتەر»گە قارىتىلغان بولىدۇ، بېنزىننىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان موتور چىرىش، كاربون يىغىلىش، پارتلاپ سىلكىنىش قاتارلىق مېخانىكىلىق بۇزۇلۇش بولسا خاراكتېر جەھەتتە «ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىدىكى سۈپەت مەسىلىسى ياكى ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق مەسىلىسى»گە تەۋە. ئەمەلىيەت داۋامىدا، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئەھۋال قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.

  لېكىن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمىدىن قارىغاندا، ئەگەر ماي قاچىلاش پونكىتى تەمىنلىگەن بېنزىن دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھەقىقەتەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا تەۋە بولسا، ئاپتوموبىل ئىگىسى رېمونت ھەققى، قاتناشتىن توختاش زىيىنى قاتارلىق بىۋاسىتە زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

   ■ ئىستېمال ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاش كېرەك

   ماي قاچىلاش تالونى ھوقۇقنى قوغداشتىكى يادرولۇق دەلىل-ئىسپات، تالوننى كۆرسىتىپ ماي قاچىلاش پونكىتى بىلەن كېڭىشىپ تۆلەم تۆلىتىشكە، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پاش قىلىپ، قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

    مۇنتىزىم، ماركىلىق ماي قاچىلاش پونكىتىنى تاللاش كېرەك

  نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھەرگىزمۇ مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ھوقۇقنى قوغداش بولماستىن، بەلكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەشتۇر. كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى مۇقىم، سۈپەتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ماركىلىق ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئالدىن تاللىشى كېرەك.

  مۇنتىزىم ماي قاچىلاش پونكىت-نۇقتىلىرىنى تاللاپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە مۇۋاپىق تەننەرختە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مەنبەدىن باشلاپ نېفىت مەھسۇلاتلىرى ماجىرالىرىدىن ساقلىنىپ، ئىشتىن كېيىن تۆلەم بېرىش توسالغۇغا ئۇچراش، ھوقۇقنى قوغداپ تۆلەم تەلەپ قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق پاسسىپ ئەھۋاللارنى تۈگىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.