تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ناراتتىكى سۆسۈن رەڭلىك رومانتىكىلىق زىغىر چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىپ كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىردى

   7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى قاراسۇ كەنتىدە تېرىلغان زىغىر چېچەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلىپ، كەڭ دالا رومانتىك سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزغا ئايلاندى، مەيىن شامال ئېتىزلارنى سىيپاپ ئۆتكەندە، قاتمۇقات زىغىر چېچەكلىرى يېنىك تەۋرىنىپ، پورەكلەپ ئۇششاق سۆسۈن رەڭلىك چېچەكلەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلدى. ئەتراپتىكى يېشىل ئېتىزلار، يىراقتىكى تاغ-دالىلار، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىلەن قوشۇلۇپ بىر پارچە نەپىس، گۈزەل يېزا-كەنت ۋە سەھرا يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. پورەكلەپ ئېچىلغان زىغىر چېچەكلىرى يېزا-كەنت دالىلىرىنى زىننەتلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يىللىق خاس تېرىقچىلىق كەسپىدىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن دېرەك بەردى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات بازىرى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس زىرائەت تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، خاس تېرىقچىلىق بىلەن سەھرا مەنزىرىسى، يېزا-كەنت ئىستىراھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ مۇقىم ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشتى.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى قاراسۇ كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن زىغىر چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، كەڭ دالا رومانتىك سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزغا ئايلاندى.

  تۇتاش كەتكەن زىغىر چېچىكى دېڭىزى يىراقتىكى تاغ-دالىلار بىلەن قوشۇلۇپ بىر-بىرىگە ھۆسن قوشتى.

  زىغىر سۆسۈن چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

  زىغىر سۆسۈن چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

   زىغىر سۆسۈن چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

  پورەكلەپ ئېچىلغان زىغىر چېچىكى

  (كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.