تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تىيانشاننىڭ ئۇ تەرىپىدە خەلق بولغاچقا، تەس بولسىمۇ تىيانشاننى تېشىپ ئۆتتۇق»

​− ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىش ئارقىسىدىكى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كېجىڭ

تىيانشان شىنجاڭنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇب ۋە شىمالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، تىيانشاننى تېز سۈرئەتتە كېسىپ ئۆتۈش كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلگەنىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتكەن كۆپلىگەن تاشيوللار كەينى - كەينىدىن ياسالدى، ئەمما بۇ لىنىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدىغان تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، قىش پەسلىدە دائىم قار يىغىلىپ مۇز تۇتۇپ كېتىدىغان بولغاچقا قاتناش ئۈزۈلۈپ قالاتتى. ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىپ كېلىشتە، يىل بويى مۇقىم قاتناشقا بولىدىغان يولدا جەزمەن توقسۇندىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك ئىدى.

قانداق قىلغاندا تىيانشاننى تېز سۈرئەتتە كېسىپ ئۆتۈش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

شىنجاڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتتى.

ھالبۇكى، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە رايون ئورنى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئېگىز ۋە سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش، گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇش، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇشتەك غايەت زور خىرىسقا ئۇچراتتى. قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك قۇرۇلۇش قىيىن مەسىلىلىرى ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش قەدىمى قىيىنلاشتى.

قۇرۇلۇش قىلىشتا مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ. «شىنجاڭ ساقلىيالمايدۇ، پۇقرالار ساقلىيالمايدۇ!»

تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، تېخنىكا لايىھەسىنى دەلىللەش يىغىنى ئېچىشنى دائىملاشتۇردى، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى... ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ سۇ مەنبە يېرىنى قوغداش، تۆمۈريول بىلەن تاشيولنى گىرەلەشتۈرۈش، تارماق ھالقىغان ئامىل كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرمۇتۈر رەتلەپ تەتقىق قىلىپ، قاتلامغا ئايرىپ ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئېگىز ۋە سوغۇق تاغلىق رايونلاردا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن تونېل ياساش، توڭ تۇپراق رايوندا قۇرۇلۇش قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، «ئۈچ تەشمە + تۆت تىك قۇدۇق» قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئىجادىي تاللاپ ئىشلىتىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ 52 ئايغا قىسقارتتى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تىيانشاننى تېشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق يىللىق ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى 16 گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىل بىلەن تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇساپىسىگە كېتىدىغان ۋاقىتنى ئۈچ سائەتتىن 20 مىنۇتقا قىسقارتتى. ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى يەتتە سائەت تاغ يولىنى ئايلىنىپ مېڭىش 3.5 سائەت تۈز يولدا مېڭىشقا ئۆزگەردى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، بىر شىنجاڭلىق ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرنى باشلاپ تىيانشان غالىبىيەت تونىلىدىن ئۆتكەندە دېگەن سۆزى سانسىزلىغان تورداشلارنى ھاياجانغا سالدى: «چۈنكى خەلق مۇشۇنداق ياخشى يولغا ئېھتىياجلىق. تىيانشاننىڭ ئۇ تەرىپىدە خەلق بولغاچقا، تەس بولسىمۇ تىيانشاننى تېشىپ ئۆتتۇق...»

بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۇ يولنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا شىنجاڭدا «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ جانلىق ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا گەۋدىلەندۈرۈش، خەلق قەلبىدىن سۆيۈنىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشچىلار بىلەن بىرلىكتە خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىساد، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ياساپ چىقتى.

«يول راۋانلاشتى، پۇل تېجەلدى، ماللار يېڭى پېتى يەتكۈزۈلدى» − بۇ، ئىككى جاي ئارىسىدا قاتنايدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ ھەقىقىي تەسىراتى. كورلا شەھىرى جيۇدىڭ لىچېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا، قوي گۆشى دۇكىنىنىڭ ئىگىسى لى شۈەن مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: «ئىلگىرى گۆشنى ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان ئارقىلىق يەتكۈزەتتۇق، بىر كىلوگىرام قوي گۆشىنىڭ كىرا ھەققى تۆت يۈەن ئىدى. ھازىر ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، مەخسۇس لىنىيە نۆۋەتچى ئاپتوموبىللىرى بىر سائەتتە بىر نۆۋەت مېڭىپ تۇرىدۇ، يەشىك بويىچە ھەق ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، كىرا ھەققىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى بىۋاسىتە تېجەپ قېلىندى.»

بىر يول قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى، ئۆيگە قايتىدىغان مۇساپىنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يېرىم كېچىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا مېڭە پەردە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈچ ياشلىق بىر بالىنى ئۈرۈمچىگە جىددىي يۆتكەشكە توغرا كەلدى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى بۇ مەيدان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە 2 سائەت 47 مىنۇت ۋاقىت كەتتى. قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ يولدا كۆپ قېتىم تىيانشاندىن ھالقىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تاماملاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لو يافېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تىيانشان تېغى ئايرىپ تۇرغاچقا، ئىلگىرى بىر كۈنگە يېقىن جاپالىق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ھازىر بالامنى ئېلىپ خېجىڭ ناھىيەسىگە ئاتا - ئانامنى كۆرگىلى بارسام، ئۈچ - تۆت سائەتتىلا بېرىپ بولىمەن.» ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى زامان - ماكان ئارىلىقىنى قىسقارتىپلا قالماي، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى.

ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە يەر شەكىللىرىنى «مارجاندەك تۇتاشتۇردى»، تورداشلار ئۇنى «ھاياتىدا جەزمەن بىر قېتىم مېڭىپ باقىدىغان» يوللار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. تىيانشان تېغىدىكى چوققىلار، بايىنبۇلاق يايلىقى، كۈنەس ئورمانلىقى، باغراش كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقى... ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بويىدىكى مەنزىرىلەر ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەربىر مەنزىرە خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل. ساياھەتچىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتىغا ئاساسەن، يول بويىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونىدا بېلەتنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى يېرىم باھالىق بېلەت پائالىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 808 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 258 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش. شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدىكى ھەر بىر قەدەم «خەلق قاتنىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتمەكتە، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشىگە جاۋاب قايتۇرماقتا، بۇ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»نىڭ جانلىق ئەكس ساداسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.