
تومۇز ئىسسىق كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەتچىلىكى سىجىل جانلاندى. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا، بىر مەيدان قالتىس شىر ئۇسسۇلى قىزغىن ئوينىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ھەم شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى بەس - بەستە قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، نۇرغۇن كىشى يان تېلېفون، فوتو ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى، شادلىققا چۆمگەن كەيپىيات ئىچىدە ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى






