− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، فېڭخۇاڭ شامالغا تايىنىپ كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا.
7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلغان تارىخىي پەيت.
باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، 105 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خۇلاسىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتىكى «ئالتە باشتىن - ئاخىر» ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى مۇساپىدە بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى توغرىسىدا «بەش جەزمەن»دىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر پارچە ماركسىزملىق مۇھىم ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
«پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!»
باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقارغان بۇ ئۇلۇغ چاقىرىق تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە ئۇزاققىچە ياڭرايدۇ.
كىچىككىنە قىزىل كېمىدىن جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقىچە، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن 105 يىللىق شانلىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، بۇ مۇساپە شۇ قەدەر جاپالىق، شۇ قەدەر ئۇلۇغ!
قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي يېڭى دەۋرىنى ئاچتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامرات، ئارقىدا قالغان، نوپۇسى كۆپ شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنى مەزمۇت قەدەم بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىۋالدى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ۋە بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى. پارتىيەمىز ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ.
يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، خىرىسلارغا يۈزلەنگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھ بولدۇق، بىز ھەممىمىز بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولدۇق، يۈكسەك ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈردۇق: «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ زور ئېنىقلىق، ئەڭ زور ئىشەنچ، ئەڭ زور كاپالەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
پارتىيەنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ ئاچقان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان داغدام يول، پارتىيە ئىگە بولغان ئېسىل ئالاھىدىلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، يول ئايىغىمىز ئاستىدا داۋاملاشماقتا، تارىخ ئۆز قولىمىزدا پۈتۈلمەكتە.
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت ئاندىن قۇدرەت تاپىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران - چاپقۇن ياكى دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بار بولدى، خەلقنىڭ تايانچى بار بولدى، بىزنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا كۈچلۈك كاپالەت بار بولدى.
ئۇلۇغۋار نىشاننى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار داۋاملىق كۈرەش قىلىپ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان شانلىق تارىخنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان نەتىجە ۋە شان - شەرەپنى يارىتىشتا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سەگەك ھەم تەمكىن −
«بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك.»
«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!»
«جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






