تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

تارىخقا بولغان ئەڭ تەنتەنىلىك خاتىرىلەش دەل يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىش.

خەلققە بەرگەن ئەڭ سەمىمىي ۋەدە دەل بوشاشماي كۈرەش قىلىش.

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 105 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خۇلاسىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالىشىدىكى ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى مۇساپىدە بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۈتۈن پارتىيەگە جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.

«<ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغۋار غايە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ تۆھپە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.> يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىرادىدىن يانماي ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار جەزمەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ، ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستان

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىدە، ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى ئون قىزىل بايراق ئارىسىدا روشەن جۇلالىنىپ تۇراتتى، «2026 − 1921» دېگەن رەقەم بەلگىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

«قىزىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ، تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلۈپ، 5000 يىلدىن ئاشقان ئېغىر ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.» ئەينى چاغدىكى جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى كىچىك قىزىل كېمە بۈگۈنكى كۈندە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى.

105 يىل جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۇزۇن مۇساپىسىدە پەقەت بىر بەت قىسقا سەھىپە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن دەل مۇشۇ ئىنتايىن ۋەزىنلىك بىر بەت جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى −

1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىللەتنىڭ تەقدىرىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، دۆلەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە چوڭقۇر پېتىپ قالدى. 1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش، يېڭى ھاياتلىققا قاراپ مېڭىشىغا يول ئاچتى. 1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: «105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.»

ئون چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى كوچا رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەندى، جۇڭگو زېمىنىدا ھەممە جاي يېڭى قىياپەتكە كىردى.

خەلق سارىيىنىڭ رەئىس سەھنىسىدە، 1936 - يىلى تۇغۇلغان جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ جۆ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، مەيدىسىگە پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تاقىغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭ خىيال دېڭىزىدا بالىلىق چاغلىرىدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىكى ئازاب - ئوقۇبەتلىك ئۆتمۈش ئەكس ئەتتى، پارتىيە قوينىدا دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان قايناق يىللارنى ئەسلىدى.

گۈللىنىشكە قەتئىي ئىرادە باغلاش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بەرگەن جاراڭلىق قەسىمى، بارلىق كۈرەش، بارلىق قۇربان بېرىش، بارلىق ئىجادىيەتنىڭ ئورتاق تېمىسى.

105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى.

«بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدۇق» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمدىن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى» دېگەن تەنتەنىلىك جاكارلاشقىچە، يەنە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىغىچە − جۇڭگو زېمىنىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭگو خەلقى تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتتى.

گۈللىنىش پۈتۈن دۇنيا دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىدە نامايان بولدى.

فاڭ جىمىن تۈرمىدە «سۆيۈملۈك جۇڭگو»نى يازغاندا، پۇت - قولى كىشەنلەنگەن بولسىمۇ، ئېتىقادىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن مەنزىرە − «ھەممىلا جايدا جانلىق ئىجادىيەت، ھەممىلا جايدا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش» بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەنزىرە 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىننى قاپلىغان بولۇپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ تەسەۋۋۇرۇدىكىدىنمۇ ھەيۋەتلىك.

نامرات، ئارقىدا قالغان يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 1 - ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى، 1 - چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1 - چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل تېز ئاشتى؛

ھەتتا مىخ ۋە سەرەڭگىنىمۇ ئىمپورت قىلىشتىن «شېنجوۋ»نىڭ ئاسمانغا چىقىشى، «بېيدوۋ»نىڭ تور تەشكىللىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېللىرىنىڭ ئۆزئارا بەسلىشىشى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ «گۇمپا ھالىتى»نى نامايان قىلىشىغىچە، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تېخىمۇ كۈچەيدى؛

كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى جەھەتتە يېڭى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى...

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە كۆرسەتكەندەك: «ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ۋە يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، پەقەت نەچچە ئون يىلدىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى.»

گۈللىنىش ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە نەقىشلەندى.

ياز كۈنلىرىدە، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى شەندۇڭنىڭ غەربىي شىمال تۇپرىقىدىكى گۈزەل دالىلارغا چۈشۈپ تۇراتتى. شەندۇڭ دېجوۋ لىڭچېڭ رايونىدىكى بيەنلىن بازىرىنىڭ دۇڭيۈجيا كەنتىدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

«قانچە مو يەرگە ئاشلىق تېرىدىڭلار؟» «قانچىلىك ھوسۇل ئالدىڭلار؟»... 2026 - يىلى «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن بۇ جايغا كېلىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئاشلىق تېرىش ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم پۇلى بار، يەنە سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بار، ھەممىسى ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ.» ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى يۈ شۇلېينىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايىدا ئاددىي - ساددىلىق چىقىپ تۇرغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

سۆھبەتتە، يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىشەنچ نامايان بولۇپ تۇراتتى. تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ياخشى كۈنلەر بەخت تۇيغۇسىغا تولغانىدى.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 13 مىڭ دوللاردىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79.25 ياشقا ئۇزاردى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... تۇرمۇش ئىناق، ھەممە ئائىلە تىنچ، خۇشال، بۈگۈنكى جۇڭگودا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ھەم باياشات.

گۈللىنىش دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەتچانلىقىدا نامايان بولدى.

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، جۇڭگو كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «جۇڭگونى زىيارەت قىلىش دولقۇنى»نى كۈتۈۋالدى. موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو چەت، يىراق يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، «جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش تەجرىبىسى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبە نەتىجىلىرى»نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ گۇۋاھ بولدى؛ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇلىن گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ شيۇڭئەنگە بېرىپ، «كەلگۈسى شەھەر»نىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى...

چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس سالاپىتى دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزدى. «پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتتى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىر خىل ئىدارە قىلىش ئىلمى، بىر خىل ئەمەلىي ھەرىكەت ئەندىزىسى بولۇپ، داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى چارىسى.» ئىسپانىيە جۇڭگونى چۈشىنىش دەرسخانىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مارتا مونتورو يېقىندا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش: گۈللىنىش، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۇتىشىدىغان بىر ئۆزگىچە مەدەنىيلىك يولى» دېگەن تېمىدا ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقتى.

بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق.

بۇ ئىشەنچ «پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش»تىن كەلگەن، «پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زور دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان دۇنيادىكى 1 - چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى»دىن كەلگەن.

بۇ، 105 يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان ئاتلىنىش، بۇ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ھەم جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مەردانىلىك.

تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىك «نېمە ئۈچۈن قابىل» ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى

«پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...»

2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، سۈزۈك ئاۋازدا ئېيتىلغان بالىلار خورىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى باشلاندى. «قىزىل بايراققا مەدھىيە»دىكى ھەيۋەتلىك مېلودىيە، «كاككۇكگۈل»دىكى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان گارمونىيە، ناخشا - دېكلاماتسىيەدە 100 يىللىق چوڭ پارتىيە چىن قەلبتىن مەدھىيەلەندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.

تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە.»

«قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى.» «خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.» «تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىدى.» «تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.» «دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلىدى.» «ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى قوزغىتىپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرىنى ئېنىق ئىزاھلاپ بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد - ئەقىدىنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

جياڭسۇ چاڭجوۋدىكى چۈ چيۇبەي خاتىرە سارىيىدا قەدىمىنى توختىتىپ، «مەن دائىم كۆپچىلىككە بىر پارلاق يول ئېچىپ بېرىشنى ئويلايمەن» دېگەن سەمىمىي ساداقەتمەنلىككە تولغان يۈرەك ساداسى قەلبلەردىن بىۋاسىتە ئورۇن ئالدى.

100 نەچچە يىللىق قالتىس مۇساپىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلەپ، ماركسىزمنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داغدام يولىنى ئاچتى.

2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بېيىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولدى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزم «ئوق»ى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى قارىغا ئېلىپ، يول ئېچىش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كۆپلىگەن نەزەرىيەلەرنى يارىتىپ، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقناتتى.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئامما ھەقىقىي قەھرىمان.

1946 - يىلى، يەنئەنگە زىيارەتكە بارغان ئامېرىكىلىق مۇخبىر: «ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆزۈم دەل <خەلق> بولدى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى.

تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە، «خەلق» دېگەن سۆز 46 قېتىم تىلغا ئېلىندى.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، بۇ، «ھەرقانداق بوران - چاپقۇنمۇ تەۋرىتەلمەيدىغان پۇختا ئاساس».

«كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامما قەيەردە بولسا، مېنىڭ ئىش ئورنۇم دەل شۇ يەردە» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ يانغىننى بارغانسېرى لاۋۇلدىتىمەن». خەلق سارىيىدا، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، جىلىن چاڭچۇندىن كەلگەن ئاساسىي قاتلام مەھەللە خىزمەتچىسى ۋۇ ياچىننىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان بۇ ئاددىي سۆزى كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىگەندىلا، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىر پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىمەن دەيدىكەن، جەزمەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇملۇقنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى خەلق سارىيىدا ياڭرىدى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى.

سالمىقى زور يىرىك پىلان تارىخ شىكالىسىغا بەلگە سېلىپ، ئىستراتېگىيە چوڭقۇرلۇقىنى نامايان قىلدى.

«تارىخ ۋە خەلق تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلدى.

2026 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېڭى يىلدىكى 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى ئوبيېكتىپ شارائىتقا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز كېلەچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.»

2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى.

كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈشتىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىقنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولدى.

كۈرەش يولى جاپا - مۇشەققەتكە تولغان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايانغاندىلا، ئاندىن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچقىلى بولىدۇ.

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەلەك يولىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى يېتەكلەپ قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق باتۇرلۇق بىلەن ھاياتلىق چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

روھ ھەقىقىي پىچاق بىسى.

دۈشمەن قانچىلىك كۈچلۈك، خىرىس قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرانە كۈرەش قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلمايدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان پولاتتەك ئىرادە بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى».

100 يىللىق چوڭ پارتىيە قانداق تاۋلاندى؟

«پارتىيەمىز بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئۆزىنى كۆزىتىش، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى بىلەن ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى».

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدىن پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، يەنە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلىدى.

ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.

«قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش

تومۇز ۋاقتىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. غەرب تەرەپتىكى مەيداندا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر «بايراق» ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 105 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

105 يىلدىن بۇيان، غايە ۋە ئېتىقاد بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇردى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق شانلىق تارىخى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك.»

يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش جەزمەن»دىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك» «جەزمەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك» «جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

بايراقنى كۆتۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرساقلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل يوق −

كونا ئىنقىلابىي رايون جىڭگاڭشەننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئىلگىرىكى «كاۋاك كەنت» شېنشەن كەنتى بۈگۈنكى كۈندە «ھەممە ئائىلىدە كەسىپ بولۇش، ھەممە ئائىلە پايچىك بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ كىرىمى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، شېنشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ جەنياڭ تەكلىپ بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، پېڭ جەنياڭ قەلبىدىكى ھاياجىنىنى ئۇزاققىچە باسالمىدى.

2016 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنشەن كەنتىگە كېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كەنت بەنزىسىدىكىلەرنى داۋاملىق تىرىشىپ، يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەنتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزنىڭ يېتەكلىشىگە باغلىق.» پېڭ جەنياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولمىسا، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن بولاتتى، شېنشەن كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

تارىخنىڭ تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا نەزەر سالساق، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيمىز: كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى باشتىن - ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى تۈپ ئاساسى بولۇپ كەلدى.

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ھەم يولدىن ئادىشىپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق −

خېنەن لەنكاۋدا، جياۋ يۈلۇ كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا جياۋ يۈلۇ ئەينى يىلى ئۆز قولى بىلەن تىككەن شۇ چىنار دەرىخى كۆچىتى بۈگۈنكى كۈندە بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدە، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى قايتا ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇھىم ماقالىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار بولغاچقا جەزمەن ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈشى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشى كېرەك. كۆپچىلىك پۇقرالارنى باشتىن - ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەت، مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن تەڭ غەم يېيىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشى، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.»

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جياۋ يۈلۇ خېنەننىڭ شەرقىدىكى لەنكاۋ ناھىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ھۆلچىلىك، قۇم - بوران، شورغا تاقابىل تۇرۇپ، «خەلقچىل بولۇش، خەلقنى سۆيۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىلمىي - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش» روھىنى قالدۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەنىۋى ئابىدىسىنى تاۋلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جياۋ يۈلۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، زىيارەت قىلغان سەنيىجەي يېزىسىدا، بەييۈنشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن باۋچاۋ ھەر ۋاقىت جياۋ يۈلۇنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە.

«جياۋ شۇجىنىڭ ئەينى يىلى پۈتۈن ناھىيەنى يېتەكلەپ <ئۈچ زىيانداش>نى تۈزىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، جاپاغا چىدايمەن، زىيان تارتىش بەدىلىگە پۇقرالارغا بەخت يارىتىشنى خالايمەن، ئاغرىنماي، ئۆكۈنمەي كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئىزچىل ئىشلەيمەن» دېدى چېن باۋچاۋ.

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش شەرت.

پەيتنى قولدىن بەرمەي، مەڭگۈ بوشاشماي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتىمىزنى ساقلىغاندىلا، ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىش يوق −

بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى 85 ياشلىق جاۋ يافۇ جياڭسۇ جېنجياڭ جۈرۇڭ شەھىرىنىڭ دەيجۇاڭ كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

نۇقتىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش، ئايلانما تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، كەنت بىلەن كوپىراتىپ ماسلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش... گۆدەكلىكتىن ياشىنىپ قالغۇچە، تېرىقچىلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى «دېھقانلار ئالدىرىغان ئىشلارغا ئالدىراش»تىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئىلمىي ماقالىنى تۇپراققا يازدى، نەتىجىنى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن دېھقان ئائىلىسىدە قالدۇردى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، توختىماي كۈرەش قىلىش. «پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا يېڭى باشلىنىش كۈنى، مەن پەقەت ئىشلىيەلىسەملا، داۋاملىق دېھقانلار ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشىمەن.» بۇ جاۋ يافۇنىڭ چوڭقۇر قەلب ئىزھارى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئېتىقادى.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس كۈرىشى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى: «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، شەخسىي ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل ياشلىقىنى قەدىرلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق يول ئېچىپ، غايىسىنى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك!»

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە، مەكتەپتىن چىققان 1 - شۇجى ئېتىز باشلىرىدا يۈرۈپ، تۇپراقتا يىلتىز تارتتى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، تۈركۈم - تۈركۈم «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»لار «ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە» تايانچ كۈچكە ئايلاندى؛ دۇنياۋى سەھنىدە، جۇڭگو ياشلىرى جۇش ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجادچانلىق كۈچى بىلەن خۇاشيا روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەتكۈزدى... يېڭى دەۋردىكى ياش بىر ئەۋلادلار دەۋر ئېقىنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى، كۈرەش قىلىش جاسارىتى بىلەن 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن چوڭ پارتىيەگە ئۈزلۈكسىز يېڭى كۈچ قوشتى.

2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى.

90 يىل ئىلگىرى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ئېقىنلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاپئاق قارلىق تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ، چەكسىز ئوتلاقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، قاتمۇقات قاماللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىشنى تاماملىدى.

بۈگۈن، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دەل ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مۇقەررەر ھالدا يېڭى «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لار بولىدۇ، يەنە جەزمەن «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارنى ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

يېڭى دەۋردە فېڭخۇاڭ شامالغا تايىنىپ كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. يېڭى دەۋر يول باشلىغۇچىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئۇلۇغ چاقىرىق چىقاردى −

«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!»

(مۇخبىرلار: جۇ جىچەي، خۇ خاۋ، دىڭ شياۋشى، سۈن شاۋلۇڭ، خۇ مېڭشۆ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.